خىزمەتتىكى خانىم - قىزلار چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشى، ئىش ئورنى بىلەن ئۆيى ياكى ئاشخانىلارنىڭ ئارىلىقىنىڭ يىراق بولۇشى سەۋەبلىك چۈشلۈك تاماقنى تازا كۆڭۈلدىكىدەك يېيەلمەيدۇ، كەچلىرى بولسا سەمرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ مەززىلىك تاماقلارنى تەرك ئېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا قان ئازلىق، بەدەن ئاجىزلاش، روھسىزلىق كۆرۈلىدۇ. خىزمەتتىكى خانىم قىزلار قانداق قىلغاندا ئوزۇقلۇق تولۇقلىيالايدۇ؟ خانىم - قىزلار تۆۋەندىكىلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئاسانلا يېتەلەيدۇ.
دانلىق زىرائەتلىك يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش
دانلىق زىرائەتلىك يېمەكلىك تەركىبىدە ۋىتامىن B، ۋىتامىنE، مىنېرال ماددىلار ۋە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، چوڭ ئۈچەي راكى، قان بېسىم ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئەلا سۈپەتلىك يۇقىرى ئاقسىل قوبۇل قىلىش
بىز ھەر كۈنى يەيدىغان گۆش، ئاقسىل تۈرىدىكى يېمەك - ئىچمەك كۆپ بولۇپ، لېكىن خانىم - قىزلار ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل قوبۇل قىلىشى كېرەك، مەسىلەن، پۇرچاق، بېلىق گۆشى، تۇخۇم، قارا گۆشنى يەپ بېرىش كېرەك.
يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش
قىزلار مايلىق، قەنت مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا مىقدارىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
كۆكتات يەپ بېرىش
كۆكتات تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن، مىنېرال ماددا ۋە يېمەكلىك تالاسى بولۇپ، بۇلار ئاشقازان ـ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ.
مىۋە يەپ بېرىش
مېۋە تەركىبىدە مول ۋىتامىن C ۋە يېمەكلىك تالاسى بولۇپ، قىزلار تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە يەپ بەرسە پايدىلىق.