تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹ھۆكۈمەت+رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرى›› ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتى

شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى ‹‹يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى مەخسۇس دوسكىسى›› چىقاردى

    ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى)لىق ھۆكۈمەت ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە قۇرغان ‹‹يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى مەخسۇس دوسكىسى›› 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى رەسمىي ئىشلىتىلدى، تۇنجى تۈركۈمدە 15 كارخانا ۋىۋىسكا ئېسىپ پاي سودىسى قىلدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىدا كارخانىلار ۋىۋىسكا ئاسقان تۇنجى مەخسۇس دوسكىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ، ‹‹ھۆكۈمەت + رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرى›› ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتى.
    ‹‹يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى مەخسۇس دوسكىسى›› شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى)لىق ھۆكۈمەت ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى يۆلەيدىغان مۇھىم سۇپا بولۇپ، كەلگۈسىدە ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى)دىكى 200دىن 500گىچە ئەلا كارخانىنى تەدرىجىي قوبۇل قىلىدۇ.
    شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن فېڭلېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى مەخسۇس دوسكىسى››دا ۋىۋىسكا ئاسقان كارخانىلار شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ  ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان خۇسۇسىي زايومىدىن پايدىلىنىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرەلەيدۇ ھەم ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان زايومنىڭ مەبلەغ توپلاش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرالايدۇ؛ شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى بىلەن ‹‹چۈەنجىڭ›› تورى، شېنجېن ئاكسىيە ئۇچۇر شىركىتى ئورتاق قۇرغان مەملىكەت خاراكتېرلىك توردا ئۈلگە كۆرسىتىش سۇپىسىدىن چەكلىك پايدىلىنىپ، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، ئېلىمىزدىكى پاي ھوقۇقى سېلىنما ئاپپاراتلىرى بىلەن جىپسىلىشالايدۇ؛ ئاپتونوم رايون ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى چىقارغان تۈرلۈك يۆلەش سىياسەتلىرىدىن ئاۋۋال بەھرىمەن بولالايدۇ.
    چېن فېڭلېي مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى پايدىلىق تەرەپلەردىن سىرت، ۋىۋىسكا ئاسقان كارخانىلار يەنە پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ ‹‹يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى مەخسۇس دوسكىسى››غا قاراتقان ئالاھىدە مۇلازىمىتى ۋە سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. مەسىلەن: ‹‹يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى مەخسۇس دوسكىسى›› ۋىۋىسكا ئېسىش يېشىل يولى تەسىس قىلغان، كارخانىلارنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش، پاي ھوقۇقىنى تىزىملاشنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ھەققى ھەم تەربىيەلەش – مەسلىھەت بېرىش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان زايوم تارقىتىش، رويخەتكە ئېلىش ھەققى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە ئېلىنىدۇ؛ ۋىۋىسكا ئاسقان كارخانىلاردىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق زاپاس كارخانا بايلىقى ئامبىرىغا كىرگۈزۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، كارخانىلارنىڭ ئالاقىدار مالىيە تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ، ۋاھاكازالار.
    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى كارخانىلار ‹‹يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى مەخسۇس دوسكىسى››دا  ۋىۋىسكا ئاسماقچى بولسا، ئىككى خىل ئۆلچەمنى قوللىنىشقا بولىدىكەن: تىجارەت كىرىمى 20 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، ساپ پايدىسى 2 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، ساپ مال – مۈلكى 50 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، قەرز نىسبىتى %50تىن تۆۋەن بولسا، ئۈچ مالىيە كۆرسەتكۈچىدىكى تەلەپنىڭ بىرىنى قاندۇرسىلا بولىدۇ؛ ئەگەر يۇقىرىقى مالىيە كۆرسەتكۈچلىرىگە يەتمىسە، دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى نۇقتىلىق قوللايدىغان كەسىپلەر، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىدىغان نۇقتىلىق كارخانىلار ياكى پاي ھوقۇقى سېلىنما ئاپپاراتلىرى 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان كارخانىلار يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ئىشخانىسى بېكىتكەندىن كېيىن، ‹‹يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى مەخسۇس دوسكىسى›› دا ۋىۋىسكا ئاسسا بولىدۇ.
    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل 9 – ئايدا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىدا قانۇنلۇق كەسىپ يۈرگۈزۈۋاتقان بىردىنبىر ئاپپاراتنىڭ تىزىملىكى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش››نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن تەسىس قىلىنغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرى تىجارەت ئاپپاراتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسىمدا ئاكسىيە تارقىتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار پائالىيەتلىرىنى ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان سورۇن، ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى يۆلەش سىياسىتى، تەدبىرلىرىنى ئۇنىۋېرسال يۈرگۈزىدىغان سۇپا ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ