پەن-تېخنىكا گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 29-نويابىر جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ «خېڭتۇڭ» يۇقىرى بېسىملىق دېڭىز كابېلى مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان دۇنيا بويىچە تۇنجى ئەڭ ئۇزۇن 500 كىلوۋاتلىق باغلانما پولىئېتىلېن ئىزولياتورلۇق دېڭىز ئاستى نۇر كابېلى جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مەھسۇلات يېڭى تېخنىكىنى باھالاشىدىن رەسمىي ئۆتتى. بۇ كابېلنى ئالدى بىلەن جېجياڭ نىڭبودىن جۇشەنگىچە بولغان 500 كىلوۋاتلىق چوڭ قۇرۇقلۇق بىرلەشمە تور قۇرۇلۇشىغا قوللىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ دېڭىز ئاستى نۇر كابىلنىڭ ئاساسىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ئۆلچەم تەلىپىگە يەتكەن بولۇپ، ئىمپورت قىلغان دېڭىز ئاستى نۇر كابىلنىڭ ئورنىغا ئىشلەتسە، ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن مەبلىغىنى تېجەيدىكەن ھەمدە ئېلىمىزنىڭ دېڭىز ئاستى بىرىكمە كابېل تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.