خاۋ پىڭ
ئالىي مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيەگە قەتئىي تەۋرەنمەي ئەگىشىپ ماڭىدۇ، ئىزچىل تۈردە مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش جەريانىدا ماس قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ئۇزاق مەزگىللىك تىرىشىش نەتىجىسىدە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ قۇرۇش يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەلق رازى بولغان ئالىي مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، ئىسلاھات قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە قەد كۆتۈرىمىز.
دەۋر ئالدىدا مەردانىلارچە قەد كۆتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز ۋە يېڭى نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە كەسىپ قۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئالىي مائارىپ بىلەن بەھرىلەندۈرۈش گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ مۇھىم قىسمى. دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن تەڭپۇڭسىز ھالەتتە تۇرماقتا. خەلقنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ‹‹قوش ئەلا›› ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئاۋۋال ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ چوڭلۇقتىن كۈچلۈكلىككە بولغان تارىخىي تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
دەۋر ئالدىدا مەردانىلارچە قەد كۆتۈرۈش ئۈچۈن، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز يولىدا مېڭىش كېرەك. جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەر ناۋادا ئىزچىل ھالدا باشقىلارغا ئەگىشىپ، قاپاققا قاراپ قاپاق سىزسا چىقىش يولى بولمايدۇ. شۇڭا بىز دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش بىلەن بىللە ئىلغار تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۇنى جۇڭگو زېمىنىدا يەنىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، جۇڭگونىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئېڭىمىز ۋە ئالىي مائارىپ نەزەرىيە سىستېمىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا ئالىي مائارىپ چوڭ ئۆزگىرىشى دەۋرىدە جۇڭگو ئاۋازىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
دەۋر ئالدىدا مەردانىلارچە قەد كۆتۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم يېڭى ئىدىيە بىلەن يېڭى ئەۋلادلارنى تەربىيەلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە سەمىمىي ھالدا مۇنداق دېدى: ياشلارنىڭ قىممەت يۆنىلىشى كەلگۈسىدىكى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قىممەت يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ، ھاياتلىقتىكى تۇنجى قەدەمنى توغرا بېسىش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئون نەچچە قېتىم ياش ئىستۇدېنتلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى. پارتىيەنىڭ داھىيسى ئىزچىل ياشلار بىلەن قەلبداش بولدى، چۈنكى ياشلار گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت كۈچىيىدۇ.
بىز مۇنۇلارنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك: ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقالىغان ئالىي مەكتەپلەرلا دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ بولالايدۇ. بىز چوقۇم ئەخلاقلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشىدىكى ئاساس ۋە بارلىق خىزمەتلەردىكى مۇھىم ھالقا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئەخلاقى، ئەقلىي ۋە جىسمانىي ھەم گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىشكەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.