قۇرۇقلۇق چارلاش 1-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان «ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇر»لۇق توشۇغۇچى راكېتا 3-دېكابىر جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە كۆككە كۆتۈرۈلمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-دېكابىر سائەت 12:11 ئۆتكەندە جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇر»لۇق توشۇغۇچى راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلدى، بۇنىڭ بىلەن سۈنئىي ھەمراھ ئالدىن بېكىتىلگەن ئوربېتىغا كىردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ سۈنئىي ھەمراھ قۇرۇقلۇق بايلىقلىرىنى چارلاشقا ئىشلىتىلدىكەن. بۇ يەنە ئۇزۇن سەپەر سىستېمىسىدىكى توشۇغۇچى راكېتالارنىڭ 257-قېتىم قويۇپ بېرىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.