تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

ساخاۋەت ئىگىسىدىن دىللار سۆيۈندى

ئابدۇللا ھەبىبۇللا ئوقۇغۇچىلارغا قىشىلىق چاپان تارقىتىپ بەرمەكتە.

 شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 29-نويابىر، كورلا شەھەرلىك سەپداشلار قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ پىدائىيسى، كورلا شەھەرلىك «مىڭ يىل» قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا ھەبىبۇللا كورلا شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 720 يۈرۈش قىشىلىق پاختىلىق چاپان ئىئانە قىلىپ، باش قىش مەۋسۇمىدا ئۆزىنىڭ ساخاۋەتلىك قوللىرى بىلەن بالىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

 ساخاۋەتچى تاغىسىدىن سۆيۈنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق ئەكس ئەتمەكتە.

   كورلا شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپ 4-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى رىفات ئابلىكىم مۇنداق دېدى: ئابدۇللا تاغام بۈگۈن بىزگە يېڭى قىشلىق كىيىم تارقىتىپ بەردى، بىز بەك خۇشال بولدۇق، ئەمدى ھاۋا قانچە سوغۇق بولسىمۇ قورقمايمىز. بىز تېخىمۇ ياخشى ئوقۇپ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز.

   ئىگىلىنىشىچە، كورلا شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپتە جەمئىي 720 ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار كورلا سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەن. ئابدۇللا ھەبىبۇللا ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشىلىق پاختىلىق چاپانغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئالايىتەن ئۈرۈمچى «باش ئەگىم» كىيىم-كېچەك شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى 720 ئوقۇغۇچىغا 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى پاختىلىق چاپان بۇيرۇتقان.

   بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن ئابدۇللا ھەبىبۇللا كورلا شەھەرلىك سەپداشلار قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ پىدائىيسى بولۇپ، ئۇ سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر ئىزچىل ۋەتەنگە، يۇرتقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇ ئۇدا تۆت يىل ھەر خىل شەكىللەر بىلەن كورلا شەھىرىدىكى ھەر قايسى يىزا-كەنتلەردىكى نامرات ئائىلىلەرگە قىشلىق كۆمۈر، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا قىشلىق كىيىم-كېچەك، ئۆگىنىش ماتېرىيالىرى ۋە ھال سوراش پۇللىرىنى تارقاتقان، بۇنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

  ئابدۇللا ھەبىبۇللا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئىشلىرىنى يەنە ئۇدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: بالىلار ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى، ئۇلارغا جەمئىيەتنىڭ غەمخورلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش كېرەك. مەنمۇ مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جەمئىيەتكە تاياندىم، شۇڭلاشقا تىجارەتتىكى نەتىجەم ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك. مەن مۇشۇ سايدۆڭ مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىغىچە ئوقۇغان، شۇڭلاشقا ئەڭ ئاۋۋال ئانا مەكتىپىمگە ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا، يۇرتداشلىرىمغا ئۆز ئەمگىكىم بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلىدىم. مەن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئوقۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ، چوڭ بولغاندا ياراملىق ئادەملەردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

(جاڭ شىنخۇا، ۋاڭ يىۋېن فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ