تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان قايتماس روھ ۋە جەسۇرانە ئىرادە بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جاڭ ياڭنىڭ قانۇن–ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى ۋە ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى كەچتە دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، جاڭ ياڭنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى ۋە ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز، قەتئىي تۈردە ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جاڭ ياڭ بىلەن تەشكىلىي جەھەتتىن سۆزلىشىش، ئۇنىڭ دېلوغا چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇنىڭ زەھەرلىك تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل – كېسىل تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، پارتىيەنىڭ ۋۇجۇدىنى پاكلاشتۇرۇش، قىسىمنى پاكلاشتۇرۇش، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار قوشۇنىنى پاكلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈر تەلىپى بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن، پۈتۈنلەي توغرا، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتەك ئوچۇق پوزىتسىيەسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. جاڭ ياڭنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى پارتىيە ۋە ئارمىيە ئىشلىرىغا ئېغىر زىيان سالدى، پارتىيە، ئارمىيە، سىياسىي خىزمەت ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئوبرازىنى بۇلغىدى، ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىشى پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنىڭ جازاسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىق بولۇپ، قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جاڭ ياڭنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى سەلبىي دەرسلىك قىلىپ، ئۇنىڭدىن ساۋاق ۋە ئىبرەت ئېلىپ، غايە – ئېتىقاد ئاساسىي مەقسىتىنى چىڭىتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ماكانىنى چىڭ ساقلاپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان قايتماس روھ ۋە جەسۇرانە ئىرادە بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ تارىنى باشتىن – ئاخىر چىڭىتىپ، شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولسىمۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، بىراق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازى يوق دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۇيۇل تاشتەك ئىرادە بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىك بولسىلا جەزمەن جازالاش، خىيانەتچىلىك بولسىلا جەزمەن يوقىتىش، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىق، قاتتىق توسۇش، كۈچلۈك يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرىتىدىغان بارلىق زەھەرلىك ئۆسمىنى قەتئىي تازىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ