تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقائاشۇرۇش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس مېھرىگۈل بەردى

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي نەتىجىلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، ماركسىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە يەنە بىر قېتىملىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتكەن ئۇلۇغ سەكرەشنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى رېئاللىشىدىغان پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بىز پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ئەقىل ۋە كۈچىمىزنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، قەلبىمىزگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشىشىمىز ۋە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشىمىز كېرەك.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتە ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. مەن كېرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلدۇم، دادام پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئۇ دائىم بىزگە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك، دەپ تەربىيە قىلىدۇ. دادامنىڭ تەربىيەسى، پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە، مەن پارتىيەلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. ھازىر بالىلىرىم پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىلەن كەينى – كەينىدىن ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتتى، بىر قىزىم دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ. بىز بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى ۋەتىنىمىزدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بېشىمىزدىن كەچۈردۇق ھەم ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇق. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، بىزنىڭ قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز ۋە شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنى، شۇنداقلا ھەرمىللەت ئاممىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. ئۇزاق يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، سىياسىيدا زېرەك، ئېتىقادتا ساداقەتمەن بولۇپ، باشتىن – ئاخىر مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتە مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدايمەن. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈلگە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشقا يېتەكلەيمەن، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى، ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن. ھەر مىللەت ئاچا – سىڭىللارنى يېتەكلەپ ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، توغرا بولغان ‹‹بەش قاراش››نى تىكلەپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باش نىشانغا يېتىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىشتىكى ئورتاق ئىرادىسى ۋە قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتە يېڭى بۇرچنى ئاڭلىق زىممەمگە ئالىمەن. خىزمەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنىڭ يېڭى تەپەككۇرىنى پىلانلاپ، مەۋقەنى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خىزمەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تاپىمەن. ھەر مىللەت ئاياللارنى دىققىتىنى باشتىن – ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشكە تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن، ھەر مىللەت ئاياللارنى قانۇننى بىلىش، قانۇننى چۈشىنىش، قانۇننى ئىشلىتىشكە يېتەكلەپ، قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى قوغداش مۇلازىمىتى، ئايال پىدائىيلار مۇلازىمىتى، ئاممىۋى پاراۋانلىقى خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مۇلازىمىتى قاتارلىق تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ