تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   نىزام

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش نىزامى

  (2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 29 – يىغىنىنىڭ ‹‹<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ نىزام قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەت قانۇنچىلىقىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نازارەتچىلىك قانۇنى›› قاتارلىق قانۇن – نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مۇشۇ نىزام تەدبىقلىنىدۇ.

  3 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى (تۆۋەندە چىقارغۇچى ئورگان دېيىلىدۇ) قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپ بويىچە چىقىرىپ ئېلان قىلغان، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئومۇميۈزلۈك چەكلەش كۈچىگە ئىگە ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

  4 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى مەسئۇل بولىدۇ؛ رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى ياكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بېكىتكەن ئاپپارات (تۆۋەندە ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات دېيىلىدۇ) مەسئۇل بولىدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدىغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتى قوبۇل قىلغان، تىزىملىغاندىن كېيىن، مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  5 – ماددا ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ئەنگە ئالدۇرۇلىدىغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرسە بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتى (تۆۋەندە ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتى دېيىلىدۇ)نىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللايدۇ؛ دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرسىمۇ بولىدۇ.

  2 – باب ئەنگە ئېلىش

  6 – ماددا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

  7 – ماددا تۆۋەندىكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك:

  (1) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قائىدىلەر؛

  (2) رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قائىدىلەر؛

  (3) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىكنىڭ يەرلىك نىزامى ياكى يەككە نىزامىدا بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن چىقارغان يەرلىك نىزامغا يانداش قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر؛

  (4) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈپ ئېلان قىلغان قارار، بۇيرۇق، بەلگىلىمە، تەپسىلىي قائىدە، چارە، پىكىر، تەدبىر قاتارلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر؛

  (5) ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ سوت، تەپتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكرى، بەلگىلىمىسى، چارىسى قاتارلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر؛

  (6) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئېلان قىلغان پىكىر، بەلگىلىمە ۋە چارە قاتارلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر؛

  (7) ئەنگە ئالدۇرىدىغان باشقا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر.

  8 – ماددا تۆۋەندىكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك:

  (1) رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قائىدىلەر؛

  (2) ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قارارلىرى؛

  (3) ئەنگە ئالدۇرىدىغان باشقا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر.

  9 – ماددا ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ئىشتاتلىق شەھەرلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شۆبىسى ۋە ھەرقايسى شى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ھەرقايسى شى شۆبىسىنىڭ سوت، تەپتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكرى، بەلگىلىمىسى، چارىسى قاتارلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

  10 – ماددا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئالدۇرۇش ماتېرىيالىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولىدۇ:

  (1) ئەنگە ئالدۇرۇش دوكلاتى؛

  (2) قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتنىڭ نۇسخىسى، ئىزاھاتى؛

  (3) باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللار.

  ئەنگە ئالدۇرىدىغان ماتېرىياللارنى يوللاشتا، ھۆكۈمەت ئالاقىسى شەكلىدە تۈپلەپ، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى ۋە خەنزۇ يېزىقىدىكى نۇسخىسىنىڭ ھەر بىرىدىن 5 نۇسخا ئەۋەتىش ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتىش كېرەك.

  3 – باب تەكشۈرۈش

  11 – ماددا ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش نىزامىئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرى شۇ دەرىجىلىك ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات يوللىغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇشى ھەمدە تەكشۈرۈش پىكرىنى شۇ دەرىجىلىك ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتقا ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

  12 – ماددا تەكشۈرۈلگەن قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە چىقارغۇچى ئورگان چۈشەندۈرىدىغان ئەھۋال ياكى تولۇقلايدىغان ماتېرىياللار بولسا، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ياكى ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتى چىقارغۇچى ئورگاننىڭ ۋاقتىدا چۈشەندۈرۈشى ياكى ماتېرىياللىرىنى تولۇقلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

  تەكشۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار تارماقلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىسا ياكى يازما ئالسا بولىدۇ، سۆھبەت يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچسىمۇ بولىدۇ.

  13 – ماددا تەكشۈرۈش ئارقىلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى تۈزىتىش، بىكار قىلىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك:

  (1) قانۇن – نىزاملارغا زىت بولغانلىرى؛

  (2) يەرلىك نىزام ياكى يەككە نىزاملارغا زىت بولغانلىرى؛

  (3) پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چەك قويغان، زىيانغا ئۇچراتقان، مەھرۇم قىلغان ياكى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى كۆپەيتكەنلىرى؛

  (4) يۇقىرى دەرىجىلىك ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرىغا زىت بولغانلىرى؛

  (5) قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىدىن ھالقىپ كەتكەنلىرى؛

  (6) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ بولغانلىرى؛

  (7) نامۇۋاپىق بولغان باشقا ئەھۋاللار.

  14 – ماددا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە مۇشۇ نىزامنىڭ 13 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈش تەلىپى ياكى تەكلىپى بېرىلسە بولىدۇ:

  (1) ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قائىدىلەردە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار دەپ قارىغانلىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما تەكشۈرۈش تەلىپىنى بەرسە بولىدۇ؛

  (2) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىدە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار دەپ قارىسا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما تەكشۈرۈش تەلىپىنى بەرسە بولىدۇ؛

  (3) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىدە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار دەپ قارىسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما تەكشۈرۈش تەلىپىنى بەرسە بولىدۇ؛

  (4) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىر – بىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىدە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار دەپ قارىسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما تەكشۈرۈش تەلىپىنى بەرسە بولىدۇ؛

  (5) ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىدە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار دەپ قارىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما تەكشۈرۈش تەلىپىنى بەرسە بولىدۇ.

  (6) رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قارارلىرىدا تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار دەپ قارىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما تەكشۈرۈش تەلىپىنى بەرسە بولىدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن سىرت، باشقا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار شۇنىڭدەك پۇقرالار ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە مۇشۇ نىزامنىڭ 13 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار دەپ قارىسا، شۇ دەرىجىلىك ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما تەكشۈرۈش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.

  15 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 14 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار شۇنىڭدەك پۇقرالاردىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈپ ئېلان قىلغان قائىدە، قارار، بۇيرۇق ۋە بەلگىلىمە، چارە، تەپسىلىي قائىدە، پىكىر، تەدبىر قاتارلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە مۇشۇ نىزامنىڭ 13 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار دەپ قارىغانلىرى تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما تەكشۈرۈش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.

  دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار شۇنىڭدەك پۇقرالار (تۆۋەندە تەكلىپ بەرگۈچى دېيىلىدۇ)دىن يازما تەكشۈرۈش تەلىپى ياكى تەكشۈرۈش تەكلىپى بەرگەنلىرى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ نامىنى، ئىش تۈرىنى ۋە ئاساسىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.

  16 – ماددا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردىن تەكشۈرۈش تەلىپى قويۇلغان ياكى تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىلگەنلىرىنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات تەكشۈرىدۇ ھەمدە مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  زۆرۈر تېپىلغاندا، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات تەكشۈرۈش تەلىپى ياكى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بەرگۈچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىسا ياكى يازما ئالسا بولىدۇ.

  4 – باب بىر تەرەپ قىلىش

  17 – ماددا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە مۇشۇ نىزامنىڭ 13 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرسە ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللىسا بولىدۇ.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۈزىتىش ياكى بىكار قىلىش زۆرۈر دەپ قارىسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈش پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش ياكى بىكار قىلىشنى چىقارغۇچى ئورگانغا ئالاقە ئەۋەتىپ ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. چىقارغۇچى ئورگان ئالاقىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئۆزى تۈزىتىشى ياكى بىكار قىلىشى ھەمدە نەتىجىسىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

  چىقارغۇچى ئورگاننىڭ تەكشۈرۈش پىكرىگە باشقىچە پىكرى بولسا، ئالاقىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق چىقارغۇچى ئورگاننىڭ ئاساسى پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان بولسا، ئۇنى ئېتىراپ قىلىش؛ ئاساسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان بولسا، مۇشۇ ماددىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىشىنى چىقارغۇچى ئورگانغا ئالاقە ئەۋەتىپ ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

  18 – ماددا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ۋاقتىدا ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللانمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالاقە ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللانمىغان بولسا ياكى ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللانغان ماتېرىياللار تولۇق بولمىغانلىقتىن قايتىدىن يوللاشقا قايتۇرۇلغان بولسىمۇ يەنىلا يوللانمىغان بولسا، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە يوللاشقا بۇيرۇيدۇ.

  19 – ماددا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر مۇشۇ نىزامنىڭ 13 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولسا ھەمدە ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلار يىغىنى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە قارار چىقىرىشىغا سۇنىدۇ:

  (1) چىقارغۇچى ئورگان بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تەكشۈرۈش پىكرى بويىچە ئۆزى تۈزەتمىگەن ياكى بىكار قىلمىغان بولسا؛

  (2) چىقارغۇچى ئورگاننىڭ تەكشۈرۈش پىكرىگە بەرگەن باشقىچە پىكرىنىڭ ئاساسى پۇت تىرەپ تۇرالمىسىمۇ، ئۆزى تۈزەتمىگەن ياكى بىكار قىلمىغان بولسا.

  20 – ماددا ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات تەكشۈرۈش تەلىپى ياكى تەكشۈرۈش تەكلىپى بويىچە تەكشۈرۈپ بولۇپ 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش يەكۈنىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى قويغۇچى ياكى تەكشۈرۈش تەكلىپى بەرگۈچىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

  تەكشۈرۈش تەلىپىنى قويغۇچى ياكى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بەرگۈچىلەردىن تەكشۈرۈش يەكۈنىگە باشقىچە پىكرى بارلىرى تەكشۈرۈش تەلىپى ياكى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى قايتا يازما بەرگەن بولسا، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش يەكۈنىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى قويغۇچى ياكى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بەرگۈچىگە 30 كۈن ئىچىدە ئۇقتۇرۇپ قويسا ھەمدە تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ.

  21 – ماددا رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى چىقارغان قائىدىلەردە مۇشۇ نىزامنىڭ 13 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، يازما تەكشۈرۈش پىكرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئەۋەتىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىلىرى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  22 – ماددا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ياكى خىزمەت ئاپپاراتى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا شەكىللەنگەن ماتېرىياللارنى رەتلىشى ۋە تۈپلىشى، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ئۇنى ئارخىپقا سېلىشى، ساقلاپ قويۇشى كېرەك.

  5 – باب دوكلات قىلىش

  23 – ماددا چىقارغۇچى ئورگان ئۆزى تۈزەتكەن قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى قايتىدىن ئېلان قىلىشى، ئۆزى بىكار قىلغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى بىكار قىلىش قارارىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

  قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئۆزى تۈزىتىش، بىكار قىلىش ئەھۋالىنى تەڭ دەرىجىلىك ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما دوكلات قىلىشى كېرەك.

  24 – ماددا خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاخباراتىغا بېسىلىدۇ.

  25 – ماددا ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ھەر يىلى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلار يىغىنىغا مەخسۇس يازما دوكلات قىلىدۇ.

  6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  26 – ماددا خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتلىرى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتلىرى خىزمەت نىزامى››دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبىسى ۋە شۇ ۋىلايەتتىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرىدۇ.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە مۇشۇ نىزامنىڭ 13 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، چىقارغۇچى ئورگانغا ئۆزى تۈزىتىش ياكى بىكار قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىلىدۇ. چىقارغۇچى ئورگان ئۆزى تۈزەتمىسە ياكى بىكار قىلمىسا، ۋاكالەت ئورگىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا دوكلات قىلىنىدۇ.

  27 – ماددا بۇ نىزام 2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ