تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شەھەر قانچە مەدەنىي بولغانسېرى ئىناقلىق ئاساسى شۇنچە پۇختىلىنىدۇ

  − مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ (1)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەرلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بولۇپ باھالاندى، قاراماي شەھىرى، كورلا شەھىرى ۋە شىخەنزە شەھىرى مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر دېگەن شەرەپلىك نامىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن بەش شەھەر مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر دېگەن نامغا ئېرىشىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

  مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر − ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى شەھەر، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى باشلامچى شەھەر بولۇپ، ئىزچىل ئەڭ قىممەتكە ئىگە «شەھەر نام كارتىسى» دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ماھىيەتتە شەھەر تەرەققىياتىغا تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تۈرتكە بولۇپ، شەھەرنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مەدەنىي شەھەر ئىناق جەمئىيەتنىڭ رېئال ئۇلى بولۇپ، شەھەر قانچە «مەدەنىي» بولغانسېرى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ئاساسى شۇنچە پۇختىلىنىدۇ.

  بىرىنچىدىن، «قاتتىق كۈچ»تە گەۋدىلەندى. مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش شەھەرنىڭ ياخشى ئوبرازىنى يەنىمۇ تىكلەش، شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. شىنجاڭ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئۆزگىچە مەنزىرە، ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، گۈزەل، ئازادە خىزمەت مۇھىتى، ئۆگىنىش مۇھىتى، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ، شەھەرنى مەبلەغ سېلىش، ئولتۇراقلىشىش، مال سېتىۋېلىش، ساياھەت قىلىشتىكى ياخشى جايغا ئايلاندۇرۇپ ، پۇقرالارغا خاتىرجەم ياشايدىغان، مەبلەغ سالغۇچىلارغا خاتىرجەم مەبلەغ سالىدىغان، ساياھەتچىلەرگە راھەت ساياھەت قىلىدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىپ، زامانىۋى، ئىناق شەھەرنىڭ يېڭى ئوبرازىنى تىكلىدى.

  ئىككىنچىدىن، «يۇمشاق كۈچ»تە گەۋدىلەندى. مەدەنىي شەھەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «مەدەنىيلىك» تە. بىر شەھەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى كۆركەم، ئېگىز بىنالاردا، كەڭ، ئازادە، پاكىز يوللاردا، گۈزەل، يېقىملىق مۇھىت قاتارلىقلاردىلا گەۋدىلىنىپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىدا گەۋدىلىنىدۇ. ئەگەر مەدەنىيلىكنى شەھەرنىڭ روھى دېسەك، ئۇنداقتا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى شەھەرنىڭ مەدەنىيلىكىنىڭ تىرىكى ۋە ئۇل تېشى بولىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ مەدەنىيلىككە بولغان تەلپۈنۈشى ۋە ئىنتىلىشى ئىزچىل بىردەك بولدى. 1983- يىلى 5- ئايدىن باشلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى» پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى، مۇشۇ ئاساستا، 2016- يىلى يەنە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى يولغا قويۇلۇپ، ھەرمىللەت ئارىسىدا ئىتتىپاقلىشىپ دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنىڭ مۇستەھكەم ئۇل تېشىغا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى ساغلام تۇرمۇش قارىشىنى تەشەببۇس قىلدى، مەدەنىيلىك ئۇرۇقى شىنجاڭ زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، بىخلىنىپ، چېچەكلەپ مېۋە بەردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش ئاساسىي مېلودىيەسى ياڭرىتىلدى.

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش دەۋرنىڭ چاقىرىقى. 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنىپ، «ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ» دېيىلدى. شەھەر تەرەققىيات قارىشى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش قارىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مەدەنىي شەھەرنىڭ خاسلىقى ۋە ئوبرازى مۇقەررەر كېڭىيىدۇ ۋە ئۆستۈرۈلىدۇ، مەدەنىي شەھەر تېخىمۇ جەلپكارلىققا ۋە ئۇيۇشقاقلىققا ئىگە بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.

  شەھەر مەدەنىيلىك بىلەن گۈزەل بولىدۇ، خەلق شەھەردىن پەخىرلىنىدۇ. مەدەنىيلىككە ئىنتىلىش يولىنىڭ ئەزەلدىن چېكى بولمايدۇ. مەدەنىي شەھەر شان- شەرەپ، شۇنداقلا كۈرەش نىشانى. مەدەنىيلىك نۇرى ئىلگىرىلەش يولىنى مەڭگۈ يورۇتقۇسى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ