تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللاردىكى سەككىز خىل كېسەللىكنىڭ بېشارەتلىرى

   بۇ ئالامەتلەر بەلكىم بەدىنىڭىزدە كېسەللىك پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بېشارەتلىرى بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى سەككىز خىل كېسەللىك بېشارىتىنى تونۇشتۇرىمىز:

  1. بەل ئاغرىش

    بۇ بەلكىم دوۋساق ياللۇغى ياكى قوشۇمچە ئەزا ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرپ قان بىلەن سۈيدۈكنى تەكشۈرتۈش، زۆرۈر بولغاندا دوۋساق ئەينىكىدە تەكشۈرتۈش لازىم. بۇ مەزگىلدە سۇنى كۆپرەك ئىچىش، ئاچچىق، تەركىبىدە خۇشپۇراق ماددا بولغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم. ياللۇغنى قايتۇرۇپ فىزىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، كاۋا مېيى ياكى ساندال ياغىچى مېيى بىلەن يۇيۇنسا ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدۇ.

  1. ئاسان ئاچچىقلىنىش

     كىچىككىنە ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغىمۇ يىغلىسىڭىز، ئەگەر بۇ ئەھۋال خاراكتېرىڭىز بىلەن ماس كەلمىسە، ئۇنداقتا قالقانسىمان بەزنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى قالقانسىمان بەز ھورمونىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئەڭ سەزگۈر بولىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئالامىتىدە ئاسان ھاياجانلىنىش، تېرىكىش، ئاسان يىغلاش، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسى ياخشى بولسىمۇ بىراق كۈندىن-كۈنگە جۈدەپ كېتىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

  1. ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرغاندا كۆز ئازراق ئىششىپ قېلىش

   بۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچىغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر دائىم سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولسا، بۆرەكنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.

  1. كەشتە پۇت ئىششىپ قېلىش

   بۇ سوزۇلما ۋېنا زەئىپلەشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇنداق كىشلەر خام كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ۋېنا دىۋارىنى مۇستەھكەملەيدىغان تالا ماددىلار مول.

  1. قول-پۇتلىرىنىڭ پېيى دائىم تارتىشىپ قېلىش

   بۇ كالتسىي بىلەن ۋىتامىنD كەملىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق كىشلەر سۈت مەھسۇلاتلىرى، جىگەر، يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك يېيىشى لازىم.

  1. ئادەتتىكىدىن كۆپ تەرلەش

     بۇ قان تومۇر ۋېگېتاتىپ نېرۋىلىرىنىڭ تېيىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئادەتتىكى تىنچلاندۇرۇش ئوكۇلى مەنپەئەت قىلمىسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.

  1. بەدەن ئېغىرلىقى ئۆزگىرىش، دائىم ئۇسساش

   بۇ ئالامەتلەر دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالامىتىگە ئازراق ئوخشايدۇ، زۆرۈر بولغاندا قان شېكىرىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك. ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى يەنىلا نورمال بولسا، تاتلىق ۋە مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم.

  1. چاچ  كۆپ چۈشۈش

   ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تارقاق چاچ چۈشۈش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ (چاچ باش قىسمىدىن باشلاپ چۈشىدۇ). كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى روھىي بېسىم، ساقايمىغان جاراھەت ياكى توغرا بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزى كېسەللىك ياكى تۇغما كېسەللىكلەرمۇ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

«پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ