تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ئۇچۇرلىرى

كەسپىي مۇرەسسەدىن دىللار سۆيۈندى

  ـــ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇغۇرتا ماجىراسى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى توغرىسىدا

  مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن

  ئومۇمنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كەسپىي ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇش

  ۋۇ يۈەنزى 2016 – يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، ماددىلىرى مۇرەككەپ، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ھەرقايسى كەسىپ، ساھەلەرگە، ھەر بىر ئائىلىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ.

  ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرىدە دوختۇرخانا بىلەن ئاغرىقنىڭ مۇناسىۋىتى، ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، يول – قاتناش قاتارلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەشكەن مۇرەسسە ھەيئەتلىرى قۇرۇلۇپ، ئەرز بىلەن مۇرەسسەنى ئۇدۇللاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىماقتا. شۇڭا ۋۇ يۈەنزى سۇغۇرتا ماجىراسى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنى قۇرۇش جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىشتىكى ياخشى ئىش، دەپ قارىغان.

  ۋۇ يۈەنزىنىڭ بۇ تەكلىپى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ئاساسىي قاتلام باشقارمىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇغۇرتا ماجىراسى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى قۇرۇلغان.

  مەزكۇر ھەيئەت خىزمەت ئورنىدا مۇرەسسە قىلغاندىن باشقا، يەنە ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى، ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى، سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق سوت مەھكىمىلىرى تەمىنلىگەن مۇرەسسەخانىدا خىزمەتنى باشلىغان.

  سۇغۇرتا ماجىراسى مۇرەسسەسىگە قاتناشقان مۇرەسسەچىلەر دەۋاگەرلەرنى ھەقسىز قانۇن مۇلازىمىتى ۋە مۇرەسسە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇ ھەيئەتنى قۇرۇشنى يەتتە كىشى تەشەببۇس قىلغانىكەن، بۇ ھەيئەت دەسلەپ قۇرۇلغاندا 26 مۇرەسسەچى بولۇپ، ھازىر مۇرەسسەچى 35 كە يەتكەن. مۇرەسسەچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قانۇن ئورۇنلىرىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، كەسپىي ئادۋوكات ھەم ھەرقايسى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرى ئىكەن.

  قانۇن، قائىدە بويىچە ئۆزئارا كەچۈرۈم قىلىش ۋە يول قويۇشقا يېتەكلەش

  بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 6 – كۈنى لى X ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ، يەنە بىر ئاپتوموبىلدىكى تۆت ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان. يارىلانغۇچىلار بىلەن سۇغۇرتا شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئىشتىن قېلىش ھەققى، بېقىش ھەققى جەھەتتە ئىختىلاپ كۆرۈلگەچكە، يارىلانغۇچىلار سۇغۇرتا شىركىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان. مۇرەسسە ھەيئىتىدىكى لى چياڭ بىر قەدەر مول كەسپىي بىلىمى بىلەن تەرەپلەرئارا پىكىرلىشىپ، ئۇلارنى ئورتاق تونۇشقا كەلتۈرگەچكە، يارىلانغۇچىلار ئەرزىنى قايتۇرۇۋالغان. ‹‹سۇغۇرتا ساھەسىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلچەم ئىلگىرى قوللىنىۋاتقان ئۆلچەم بولۇپ، ئىشتىن قېلىش ھەققى بىر كۈنگە 70 يۈەن ئىكەن، لېكىن ھازىر ئوتتۇرىچە ئايلىق ئىش ھەققى 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ. مۇرەسسە ئارقىلىق سۇغۇرتا شىركىتى ئۆلچەمنى مۇۋاپىق ئۆستۈردى، يارىلانغۇچىمۇ بۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى››، دېدى لى چياڭ.

  مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇرەسسە قىلىدىغان ماجىرا دېلولىرىنىڭ كۆپ قىسمى ھەرقايسى سوت مەھكىمىلىرىدىن كېلىدۇ، سوت مەھكىمىلىرىمۇ ماجىرانى مۇرەسسە ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. مەسىلەن: لى Xنىڭ قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىش سۇغۇرتا ماجىراسىنى ئەرز تەرتىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئاز دېگەندە تۆت قېتىم بىرىنچى سوت ئېچىشقا توغرا كېلىدىكەن، شۇڭا تەرەپلەر ۋاقىت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتاتتى، مۇرەسسە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، تەرەپلەر ھەر جەھەتتىن پايدا ئالدى.

  ‹‹بىزنىڭ مۇرەسسەدىكى مۇھىم پىرىنسىپىمىز ئادىل بولۇشتۇر، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتساقمۇ، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتساقمۇ بولمايدۇ. مۇشۇ رامكا ئىچىدە قانۇن ۋە قائىدە بويىچە، ئۆزئارا يول قويۇشۇپ، ئورتاق تونۇشقا كېلىشكە يېتەكلەيمىز›› دېدى ۋۇ يۈەنزى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مۇرەسسە ھەيئىتى نۇرغۇن سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

  ۋۇ يۈەنزى: نۇرغۇن ماجىرا سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ توختام ماددىلىرىنى چۈشىنىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بىز ئامالنىڭ بارىچە توختام ماددىلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز. بۇ ئارقىلىق كىشىلەردىكى ئەرز قىلغاندىلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا مۇرەسسە ئارقىلىق ھەل قىلغاندا ۋاقىتنى ئۇتۇپلا قالماي، ئىقتىسادىي چىقىمنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، مۇرەسسەنامە سوت مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوخشاشلا قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىمىز، دېدى.

  سۇغۇرتا ساھەسىگە چېتىلىدىغان مەنپەئەت مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇلار سۇغۇرتىلاتقۇچىلار بىلەن سۇغۇرتا شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپلا قالماي، يەنە ئوخشاش بولمىغان سۇغۇرتىلاتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرانىمۇ ھەل قىلىدىكەن.

  ليۇ X بۇلتۇر 8 – ئايدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈچ ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىمۇ ئارقا سوقۇلۇش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ ۋەقە سادىر قىلغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. ئۇ سۇغۇرتا شىركىتىدىن زىيىنىنى تۆلەتمەكچى بولغاندا، قالغان ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ زىيىنى يېنىكرەك بولغاچقا، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاۋارىچىلىكتىن قېچىپ، ئۇنىڭ تۆلەم رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە ماسلىشىپ بەرمىگەن.

  ليۇ X ئۆزىنىڭ ۋەقە سادىر قىلغانلىقىنى ئېيتقاندا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم تۆلەپ بېرىشكە ئامالسىز بولغاچقا، مۇرەسسەچىلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى ماسلىشىشقا قوشۇلغان، ليۇ X تېزلا تۆلەم پۇلى بىلەن ئاپتوموبىلىنى رېمونت قىلدۇرۇۋالغان. شۇڭا ئۇ لەۋھە تەقدىم قىلىپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئىقتىدارلىق بولۇش

  سۇغۇرتا ساھەسىنىڭ كەسىپچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، قانۇنغا چېتىشلىق بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرگە چېتىلىدىغان ساھە بولغاچقا، مۇرەسسەچىلەر ئۆزلۈكىدىن ‹‹توك تولۇقلاپ›› تۇرىدۇ، يېڭى – يېڭى ماجىرالارمۇ ئۇلارنى كەسپىي جەھەتتىن ئىزچىل تۈردە ئۆگىنىشكە ئۈندەيدۇ.

  سۇغۇرتا ماجىراسى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى قۇرۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر 54 ماجىرانى قوبۇل قىلغان بولۇپ، چېتىشلىق سوممىسى 2 مىليون 50 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، ئۇلار ھەر خىل ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىللە، 19 قېتىم مۇرەسسە يىغىنى ئېچىپ، 13 ماجىرانى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلغان.

  ۋۇ يۈەنزى مۇنداق دېدى: بۇ پەقەت باشلىنىش، بىز پەيدىنپەي خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇرەسسە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا ھەل قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇرەسسە ھەيئىتىدىكى خادىملار 19 – قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىددىيەت – ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ