تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن

   كەلپىن ناھىيەلىك بىرلىك سەپ- مىللەت- دىن ئىشلىرى بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مىللەت- دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەمەرجان تىلەم

  مەن بۇ يىل 47 ياشقا كىردىم، كىچىكىمدىن تارتىپلا پارتىيەنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىپ كەلدىم. پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە پارتىيەلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپەمنى ئەسلەپ شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسى بولمىغان بولسا، ئۆسۈپ يېتىلىشىم ۋە ئىلگىرىلىشىم بولمىغان بولاتتى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىغان بولسا، يۇرتىمىز شىنجاڭنىڭ ھازىرقى گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ھەرۋاقىت كۆيۈنۈپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا كۈندىن- كۈنگە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭ ھازىر تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرماقتا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، تۇرالغۇ، قاتناش شارائىتىدا ئىلگىرىكىدىن ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر دېھقانلار تېرىقچىلىق قىلسا، دۆلەت ھەرخىل تولۇقلىما بېرىدۇ، ھەر مىللەت ئامما يەنە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش قاتارلىق بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدى. كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىغان بولسا، بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى بولغاچقا، خەلقنىڭ كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولدى، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، تۇرمۇشى يىلدىن- يىلغا ياخشىلاندى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئىچىدە ئۇزاققا ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى، دەپ كۆرسەتتى. بۇ ھەقتە مەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا ھەر مىللەت دوستلار بىلەن بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللاردەك يېقىن ئۆتتۈم. ھېيت- بايراملاردا ھېيتلىشىپ، بىر- بىرىمىزنى قۇتلۇقلاپ كەلدۇق. بىز ئولتۇرۇۋاتقان مەھەللىدە مىللەتلەر ئىتتىپاق بولۇپ، ئىناقلىق، دوستلۇق كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىتتىپاق- ئىناق، باي، گۈللەنگەن،  مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تەقەززاسى ۋە ئورتاق ئارزۇسى. مەن ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ھەرۋاقىت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى ۋە باشلامچىسى بولىمەن. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغانلا بولساق، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ