شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 13-شى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە خېنەن تېلېۋىزىيە-تارقىتىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئىشلىگەن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان 30 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «گۈل ئېچىلغان پەسىل» يېقىندا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەن 13-شىسىنىڭ قىزىل يۇلتۇز ئىككىنچى مەيدانىدىكى قىزىل يۇلتۇز كۇلۇبىدا سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى.
بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا بىر ياش مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنىڭ بىر توپ پاختا تەرگۈچى قىزلارنى ئېلىپ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىدىن قومۇلغا كېلىپ پاختا تەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ۋەقەلىك بايان قىلىنغان. فىلىمدە ئاساسلىقى جياۋ يۈلۇ روھىغا ۋارسلىق قىلىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نامايان قىلىنغان. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ %80 كۆرۈنۈشى بىڭتۈەننىڭ تۈەن-مەيدانلىرىدا ئېلىنغان.
خېنەن تېلېۋىزىيە تارقىتىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى، باش دېرىكتور، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «گۈل ئېچىلغان پەسىل»نىڭ باش فىلىم ئىشلىگۈچىسى ۋاڭ گاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قىزىل يۇلتۇز ئىككىنچى مەيدانى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيەت ئامىللىرى مول، مۇكەممەل ساقلانغان ئورۇن بولۇپ، دېكابىرنىڭ ئوتتۇرىغىچە ئۆي سىرتىدىكى كۆرۈنۈشلەر سۈرەتكە ئېلىنىپ بولىدىكەن.
(پىراكتىكانت ساباھەت ئەركىن تەرجىمىسى)