ئۈرۈمچى شەھىرى بالىلار باغچىسىنىڭ خىزمەتچىسى ماۋ يۈدەن ئاھالىلەرگە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مۇھىت ئاسراش بىلىملىرى تەشۋىقاتى قىلماقتا.
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 20-نويابىر، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئورمانچىلىق باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىينىڭ روھىنى باغچىلارغا كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. خىزمەتچى خادىملار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ باغچىغا كىرگەن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرگە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب ۋە ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى تارقىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش»قا بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مۇھىت ئاسراشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ مۇھىت ئېڭى ۋە ئېكولوگىيە ئېڭىنى ئۆستۈردى.
(جياڭ شياۋ فوتوسى)