شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى كوچىلاردا «قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى تاكسى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» دېگەن قىزىل بەلگىنى چاپلىغان تاكسىلارنى ھەم بىلىكىگە «پىدائىيلار» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن يەڭ بەلگىسىنى تاقىۋالغان شوپۇلار پەيدا بولدى، بۇلار قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان تاكسى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئىدى.
مۇخبىرنىڭ 20-نويابىر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ شىتاب باشلىقى خۇاڭ شىشۈندىن ئىگىلىشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە يېقىندا قۇرۇلغان تاكسى ئوت مۇداپىئە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى بۇ ناھىيەدىكى ئوت مۇداپىئە كۆچمە كۈچى، دېيىشكە بولىدىكەن، بۇ پىدائىيلار ئەترىتى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي خەلق ئوت ئۆچۈرۈش تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى بىر يولىنى ئېچىپلا قالماستىن، ئوت مۇداپىئە ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىنى يېڭى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى تۇنجى تاكسى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئىككى تاكسى تىرانسپورت تىجارىتى كارخانىسىدىن تەركىب تاپقان 292 تاكسى ۋە شوپۇرلار تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار «پىدائىيلار مۇلازىمىتى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىنچلىق ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىدىيەسى»نى تارقىتىشتەك مەسئۇلىيەتنى ۋە ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كۆيگەن ئاپتوموبىللارغا ئوت كەتكەندە شوپۇرنى قۇتقۇزۇپ، ئوتنى ئۆچۈرۈش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغانىكەن.
پىدائىيلارنى ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىلىملىرى، ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىگەنىكەن.