ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: شىنجاڭدىكى تۇنجى پىركازچىكسىز تاللا بازىرى باشقا 20 دىن ئارتۇق تاللا بازىرىنى جەلپ قىلدى.
شىنجاڭدىكى تۇنجى پىركازچىكسىز تاللا بازىرىدا تىجارەت باشلانغىنىغا بىر ھەپتە بولدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە تاللا بازىرىنىڭ خېرىدار ئېقىمى كۈنىگە تەخمىنەن 1000 ئادەم (قېتىم)دىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئوغرىلانغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن، بۇنىڭ بىلەن 20 دىن ئارتۇق تاللا بازىرى قوشۇلۇپ تىجارەت قىلىشقا ئىلتىماس قىلغان.
شىنجاڭ تېخنىكا ئۆمىكى تەتقىق قىلغان شىنجاڭدىكى تۇنجى پىركازچىكسىز تاللا بازىرى بۇلاقتاغ رايونىدىكى قىزىل تۆپە يولى يەنچىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىجادىيەت باغچىسىدا 12-نويابىر رەسمىي تىجارەت باشلىغان. بۇ تاللا بازىرىدا پىركازچىك يوق بولۇپ، ئىستېمالچىلار پەقەت يانفونى ئارقىلىق ھەق تۆلىسىلا نېمە لازىم بولسا شۇنى سېتىۋالالايدىكەن. تاللا بازارغا 800 دىن ئارتۇق مەھسۇلات بار بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئاساس قىلىدىكەن.