تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۇاڭجۇ-ئۈرۈمچى-غۇلجا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 20-نويابىردىن باشلاپ ئەسلىگە كەلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز: 20-نويابىردىن باشلاپ گۇاڭجۇ-ئۈرۈمچى-غۇلجا لىنىيەسى ئەسلىگە كەلدى، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى غۇلجا ئايدورۇدۇمىدا بۇ يىل يېڭىدىن 10 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۆپەيتىلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

 بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنلىرى ئايروپىلان قاتنايدۇ، «AQ1051/2» نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 6:40 ئۆتكەندە گۇاڭجۇدىن قوزغىلىپ، سائەت 12:20 ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ، بۇ جايدا بىر سائەتتىن كۆپرەك توختىغاندىن كېيىن سائەت 13:40 دا ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قاراپ ئۇچۇپ، 15:10 ئۆتكەندە غۇلجا ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ. قايتىش سەپىرىدە غۇلجا ئايرودۇرۇمىدىن سائەت 16:35 ئۆتكەندە قوزغىلىپ، سائەت 18:05دە ئۈرۈمچىگە قونىدۇ، ئىككى سائەت توختىغاندىن كېيىن سائەت 20:10 ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇغا قاراپ ئۇچۇپ، سائەت 1:20 ئۆتكەندە گۇاڭجۇ «ئاق بۇلۇت» ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، لىنىيە دەسلەپتە يولغا قويۇلغاندا جيۇيۈەن ئاۋىياتسىيەسى 88 يۈەنلىك، 99 يۈەنلىك، 189يۈەنلىك ھەرخىل ئالاھىدە باھالىق بېلەتلەرنى چىقارغانىكەن. جيۇيۈەن ئايرودۇرۇمى تۆۋەن تەننەرخلىق ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەۋە بولغاچقا، ساياھەتچىلەر بېلەت سېتىۋالغاندا يۈك-تاقنىڭ ئاز -كۆپلىكىنى ئالدىن ئويلىشىشى كېرەككەن.

 نويابىرنىڭ ئاخىرىغىچە، غۇلجا ئايرودۇرۇمى 16 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ سىرتىدىكى شەھەردىن بېيجىڭ، تيەنجىن، نەنجىڭ، چېڭدۇ، شىئەن، شاڭخەي، شېنجىن، جىڭجۇ، گۇاڭجۇدىن ئىبارەت  توققۇزى بار ئىكەن؛ شىنجاڭنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى، قەشقەر، كورلا، تۇرپان، شىخەنزە، قاراماي، قاناستىن ئىبارەت يەتتە شەھەر بار ئىكەن، بۇ ئايرودۇرۇمدا تىجارەت قىلىدىغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى، دۆلەت ئاۋىياتسىيەسى، شەرق ئاۋىياتسىيەسى، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى، جىنپىڭ ئاۋىياتسىيەسى، جيۇيۈەن ئاۋىياتسىيەسىدىن ئىبارەت يەتتە شىركەت بار ئىكەن.

  ياز، كۈز پەسىللىك يولۇچى توشۇش پەسلىدە غۇلجا ئايرودۇرۇمىدىن ھەر كۈنى تەخمىنەن 20 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچىدىغان بولۇپ، قىش، ئەتىيازلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە كۈنىگە تەخمىنەن 14 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا قۇلايلىق ياراتقان ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى شەھەرلەر ۋە شىنجاڭدىكى شەھەرلەر ئارا سېلىنغان ھاۋا كۆۋرۈكى، دەپ ئاتالغان. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل غۇلجا ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 1 مىليون 100 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ