قابا ناھىيەسى سارتام يېزىسى جالپاق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قۇۋات ئاسىلبەك
مەن كىچىكىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان يېزىدا ياشاپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن قوشنا بولۇپ ئۆتتۈم. گەرچە بىزنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈپ كەلدۇق، بىزنىڭ قورۇدا ھەر مىللەت بالىلار بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، خۇشال – خۇرام چوڭ بولدۇق.
مەن چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئارزۇيۇمغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى ئارقىسىدا، ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدىم ھەم يۇرتۇمغا قايتىپ خىزمەتكە قاتناشتىم. خىزمەت داۋامىدا ئۆگەنگەنلىرىمنى ئىشلىتىپ، ئىقتىدارىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسەمنى قوشتۇم. بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلەندىم، تېخىمۇ مۇھىمى، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم.
مەن 2011 – يىلى ئىمتىھان بېرىپ، ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى بولدۇم، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ تونۇپ يەتتىم، تېخىمۇ مۇھىمى، پارتىيەنىڭ ئېتىبار بېرىش، يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزگەن مەنپەئەتلىرىنى كۆردۈم. ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، ئاساسىي قاتلامدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەنتلىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، دېھقان – چارۋىچىلار ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئېتىبار سىياسىتىدىن، باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق تولۇقلىمىسى قاتارلىق تۈرلۈك تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولدى، كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالسا يەنە چىقىمىنى ئاتچوت قىلدۇرالايدىغان بولدى، نامرات كەنت ئاھالىلىرى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى... پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى يېزىلاردا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، بۇلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى، بەخت – سائادىتىنى كۆزلىگەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا ئىگە قىلىش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، ئاز سانلىق مىللەت ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا يېتەكلەپ، بارلىق خاتا سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرىمەن.
پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىيدا قەتئىي بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىشنى باشتىن – ئاخىر ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىستىلىمنى ياخشىلاپ، ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رول ئوينايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەسسە قوشىمەن.