قىزلارنىڭ يۈزىگە دائىم دېگۈدەك دانىخورەك چىقىپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق ئىككى خىل ئىپادىسى بار: بىرىنچىسى، دانىخورەك پېشانە، ئېڭەك، كۆكرەك ياكى مۈرە، دۈمبىگە چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۈز تېرىسى مايلىشىپ، بۇرۇندا قارا دانىخورەكلەر پەيدا بولىدۇ؛ ئىككىنچىسى، تېرە ئاسراش بويۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسىمۇ تېرە كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
دانىخورەكنى يوقتىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرى
يۈزنى ئىلمان سۇدا يۇيۇش، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزنى ئەستايىدىل يۇيۇپ، يۈزنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىغاچقا تېرە كېسىلى پەيدا بولغان بولسا، شۇ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىش كېرەك.
يۈزلۈكنى ئۆزى تەييارلاش ئىنتايىن ئاددىي، بۇنداق يۈزلۈكنى ئىشلەتكەندە تېرىنى تازىلاپ، ياللۇغنى قايتۇرىدۇ. مەسلەن: تەرخەمەك، ياڭيۇ، تاۋۇز، پەمىدۇر قاتارلىقلاردىن خالىغاننى تاللاپ، ياپىلاق كېسىپ يۈزگە چاپلاپ، 15 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋېتىش.
ئۈچ تال يېڭى يېسسىۋىلەك ياپرىقىنى ئېلىپ، پاكىز يۇيۇپ، تۈزلەپ، بوتۇلكا بىلەن يوپۇرماقنى تورسىمان ئۇماچ ھالىتىگە كەلگۈچە يانچىپ، ئاندىن يۈزگە چاپلاش، ھەر 15 مىنۇتتا بىرتال ياپراقنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇدا ئۈچ قېتىم ئىشلىتىش كېرەك. دائىم مۇشۇنداق قىلىپ بەرگەندە يۈزدىكى دانىخورەكنى ساقايتىپ، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرغىلى ۋە ئاقارتقىلى بولىدۇ.
«ئاياللار ساغلاملىقىغا دائىر بىلىملەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى