55601-قېتىملىق ئوقپويىز گۇرۇپپىسى سىناق نۆۋەتچى پويىزى سىچۈەن جياڭيوۋ بېكىتىگە يېتىپ كەلدى (13-نويابىر فوتوسى)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: سىچۈەن يولى (蜀道) قەدىمدىن تارتىپ چاڭئەن بىلەن سىچۈەننى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول. سىچۈەن يولى چىنلىڭ-داباشەن تاغ تىزمىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، بۇ يولدا مېڭىش ئىنتايىن مۈشكۈل ئىدى.
ئېلىمىزدىكى چىنلىڭ چوققىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول — شىئەن-چېڭدۇ تۆمۈر يولى ئېلىمىزنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئىلگىرى مېڭىش تەس بولغان «سىچۈەن يولى»نى تارىخقا ئايلاندۇردى، سىچۈەن يولىمۇ جۇڭگو تارىخىدىكى تاشيول مەدەنىيەت مىراسىدىن يېڭى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار نەتىجىسىگە ئايلاندى.
(جاڭ بوۋېن فوتوسى)