شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، كارخانىلارنى ئىستېمالچىلار ئەرز قىلسا، بۇنىڭدىن كېيىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدىكەن ھەمدە بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ مال سېتىۋېلىشتا سودىگەرلەرنى تاللىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ 14-نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «12315 ئىستېمالچىلار ئەرزىنى تېز ھەل قىلىش يولى» خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، كارخانىلارنىڭ سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىستېمالچىلار ئەرزى بىلەن كارخانىلار ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلار ئەرزىنى كارخانىلار نامىدىكى ئۇچۇرغا خاتىرىلەپ، ئەرز مىقدارى كۆپ، ئىستېمال ماجىرالىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغان، قانۇن-نىزاملارنى ئىشلىتىشى مۇۋاپىق بولمىغان ئەھۋاللارنى بەلگىلىمە بويىچە كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسىغا تولۇق كىرگۈزۈشنى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشنى پىلانلىغان.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇڭ لىننىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە،«12315» ئەرز قىلىش قىزىق لىنىيەسى ۋە شىنجاڭ«315» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش سۇپىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە ھوقۇق-مەنپەئەت قوغداش سۇپىسى بىلەن كارخانىلار ئىناۋەت ئۇچۇرى سۇپىسى تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىش ئۇچۇرلىرى كارخانىلار نامىدىكى ئۇچۇرغا كىرگۈزۈلىدىكەن. دۆلەتلىك كارخانىلار ئىناۋەت ئۇچۇر سۇپىسىدا كارخانىلار نامىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنىدىكەن.