شىنخۇا تورى خەۋىرى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەركەزنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات يىغىنى ئاچتى. (3-نويابىر فوتوسى)
يېڭى ئىدىيە يېڭى دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يېڭى دەۋر يېڭى نەتىجىلەرنى چاقىرىدۇ.
مەركەزنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى قۇرۇلتاي روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن نويابىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇلار يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان جايلاردا 36 مەيدان دوكلات بەردى، 60 مەيدانغا يېقىن تۈرلۈك شەكىللەردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى، 520 مىڭغا يېقىن ئادەم نەق مەيداندا بىۋاسىتە ئاڭلىدى، 21 مىليون كىشى تېلېۋېزور، ئالاقە تورى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق دوكلاتنى كۆردى، ئاڭلىدى.
ئىدىيەنىڭ ئۇلۇغ كۈچى مۇقەددەس زېمىندا مەۋج ئۇردى، يېڭى دەۋرگە كىرگەن جۇڭگونىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت نامايان بولدى.
ئەتراپلىق، چوڭقۇر مەزمۇنلار، جانلىق چۈشەندۈرۈشلەر كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىغا چوڭقۇر تەربىيە ۋە ئىلھام بەردى. كۆپچىلىك 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېسسىيات ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆگىنىپ، دوكلاتنىڭ مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى 19-قۇرۇلتاي روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .