شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بىلالىدىن
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى. مەن جۇڭگولۇق بولغىنىمدىن ئىپتىخارلاندىم ھەم پەخىرلەندىم، ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمدىن سۆيۈندۈم.
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى − جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. مەن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ھەر ۋاقىت ئۆز ۋەزىپەم دەپ بىلىپ، تەربىيەلەش، يېتەكلەش، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇش، تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ زامانىمىز ئىستۇدېنتلىرىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيمەن، ئىستۇدېنتلارنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەيمەن ھەم شۇ ھەقتە تەربىيە بېرىمەن.
ئالىي مەكتەپ ھەر مىللەت ئىستۇدېنتلىرىنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش، شۇنداقلا «قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش»تەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. مەن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاڭلىق ھالدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، بۇرچنى زىممەمگە ئېلىشنى كۈچەيتىمەن، ئىستۇدېنتلارنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ ۋە تەنقىدلەپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە قەتئىي غايە- ئېتىقادى ئارقىلىق مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس بازىنى ياخشى ساقلاشقا، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيمەن ۋە شۇ ھەقتە تەربىيە بېرىمەن.
مەن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئائىلەمدىكىلەر ۋە ئەتراپىمدىكىلەرنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك. مەن باشتىن- ئاخىر شۇنىڭغا قەتئىي ئىشنىمەنكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى خۇددى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، بىر ئوچۇم دۈشمەننىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك جىنايى قىلمىشى مۇقەررەر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ماركسىزملىق غايە- ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، لاياقەتلىك كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمەن.