تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەشۋىقاتنىڭ باش تېمىسى روشەن بولۇپ، كىشىنى باتۇرانە ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى

  ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى ئالتاي ۋىلايىتى، تېكەس ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسىدە لېكسىيە سۆزلىدى

  گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى 2017- يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالتاي ۋىلايىتى، تېكەس ناھىيەسى ۋە ئاقتۇ ناھىيەسىدە لېكسىيە سۆزلىدى ھەم كادىرلار ۋە ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما لېكسىيەنى ئاڭلاپ، يېڭى دەۋردە باتۇرانە ئىلگىرىلەش ئىشەنچىسى ۋە غەيرىتىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك يىغىن مەركىزىدە لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې گوچىڭ تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلى ئارقىلىق 4000 دىن ئارتۇق كادىر ۋە ئاممىغا لېكسىيە دوكلاتى بەردى. دوكلات ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، يىغىن مەيدانىدىكى كادىرلار ۋە ئامما لېكسىيە دوكلاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە تەسىراتىنى خاتىرىلىدى.

  ئالتاي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ 2 - قەۋەت مەجلىسخانىسىدا لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قىزىركەلدى ئابدۇراخمان قازاق تىلىدا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈردى. ئالتاي شەھىرىدىكى 300 دىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت كادىر ۋە ئامما ۋەكىلى، ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرى لېكسىيەنى ئاڭلىدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن لېكسىيە ئۆمىكىدىكىلەر يەنە ئالتاي شەھىرى ئالتۇنتاغ يولى كوچىسى مەدەنىيەت يولى مەھەللىسىگە كېلىپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك 1 - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئارداق مۇنداق دېدى: لېكسىيەنى ئاڭلاپ بەك تەسىرلەندىم. پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن، لېكسىيەنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى دەرستە ۋە دەرستىن چۈشكەندە ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىمەن.

  مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنچى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى پۇقرا تەشۋىقاتچى مادەنبېك مۇراتقان مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىنى قازاق تىلىدا چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغان ۋە ئۆگەنگەندىن كېيىن، ماڭا بولغان ياردىمى تولىمۇ چوڭ بولدى. پۇقرا تەشۋىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 19 - قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئاۋۋال ئۆزۈم ئۆگەنگەن ۋە چۈشەنگەندىلا ئاندىن ئاقىنلار ئېيتىشىشى، قوشاق قاتارلىق شەكىللەردە يېزا - قىشلاقلاردىكى ئاممىغا يۈزتۇرا، توسالغۇسىز يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا ئەينەن چۈشەندۈرۈپ، 19 - قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تولۇق يەتكۈزەلەيمەن.

  ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى 11 - ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تېكەس ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى سېرجان ئۇغىباي 300 دىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت كادىر ۋە ئاممىغا قازاق تىلىدا بىر مەيدان جانلىق لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

  مەيداندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار لېكسىيە دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تەپسىلىي خاتىرە قالدۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلاپ، 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، 19 - قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئۆگەنگەن مەزمۇننى خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، 19 - قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزىمىز.

  تېكەس ناھىيەلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۇ مىنجېي مۇنداق دېدى: ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىمىز خىزمەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمىزغا بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ياقتۇرىدىغان ئەدەبىيات - سەنئەت شەكلى ئارقىلىق 19 - قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يەتكۈزىمىز.

  ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دوكلات بېرىش يىغىنى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ سىنلىق يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېلىل ناسىر لېكسىيە دوكلاتى بەردى. لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)،(يېزا - بازار، تۈەن)لەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، ئوبلاست بويىچە 4000 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىسىدىكى پۇقرا تەشۋىقاتچى ياقۇپ مۇنداق دېدى: لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن 19 - قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم، ئىدىيەۋى تونۇشۇم يەنىمۇ ئۆستى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە 19 - قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ لېكسىيە تەييارلاپ، 19 - قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئاممىغا ئاددىي سۆزلەر بىلەن تەشۋىق قىلىمەن، يېزا - كەنتلەرگە، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگىچە بېرىپ، 19 - قۇرۇلتاينىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەيمەن.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن جېلىل ناسىر يەنە ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى تۇغچى كەنتىگە بېرىپ، پۇقرا تەشۋىقاتچىلار، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  (گېزىتىمىزنىڭ ئالتاي ۋىلايەتلىك مۇخبىرلار پونكىتىدىن لى چاڭدا، لى لىجۇەن، دۇ پېڭفېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىلىرىمىز ۋاڭ شىيىڭ، گۈلزاھىرە، سۇ يۈلىڭ، سارىگۈل)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ