تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگاندىكى باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار يىغىنى ئاچتى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئورگاندىكى باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى››، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى››نى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى›› بىلەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى›› پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتەك ئالىيجاناب خىسلىتىنى نامايان قىلدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، كەم – كوتسىز ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىككى ھۆججەتنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر ئومۇمىي تەلەپنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە يادرونى تونۇش، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغداش، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇش، ھەرىكەت جەھەتتە يادروغا يېقىن ئەگىشىش، يادرونى قەتئىي قوغداش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇش، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تەتبىقلاپ، چوڭ – چوڭ پىرىنسىپال مەسىلىلەردە كاللىسى سەگەك، مەيدانى ئىنتايىن مۇستەھكەم، سىياسىي جەھەتتە باشتىن – ئاخىر زېرەك بولۇشى كېرەك. پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي ئادەم بولۇشى، راست سۆزلىشى، سەمىمىي ئىش قىلىشى، پارتىيە نىزامنامىسىگە خىلاپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مەركەزنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرگە ئاڭلىق قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ياخشى يولغا قويۇشتىكى تەپسىلىي قائىدىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى تېخىمۇ قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ كونكرېت تەدبىر ۋە چارىلىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىشى، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى داۋاملىق تۈزىشى، يىغىنلارنى ئازايتىپ، ھۆججەتنى ئىخچاملاپ، تىرىشچانلىق – ئىقتىسادچىللىقنى يولغا قويۇشى، مىخ قېقىش روھى بىلەن سىياسىي كېڭەش ئورگان ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيىتىنى مەركەزنىڭ ئىككى ھۆججىتىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پات ئارىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ