شىنجاڭ تورى خەۋىرى: بەش رايوندىكى 35 كوچىنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى قىياپىتى ياخشىلىنىپ، تېخىمۇ گۈزەللەشتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى (ئىدارە باشلىقى) جۇ جيەنپىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەت ئۈرۈمچى شەھىرىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن».
2017-يىلى ماي ئېيىنىڭ باشلىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىغا قارىتا «تاغلارغا دەرەخ تىكىش، شەھەرگە سۇ كىرگۈزۈش، كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش، يەرنى يېشىللاشتۇرۇش، ئاسماننى كۆكەرتىش، شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش» تىن ئىبارەت كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. شەھەرلىك پارتكوم بۇ قارارغا ئاساسەن گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، بۇلاقتاغ رايونى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دىكى 35 كوچىدا ئىككى بۆلەك بويىچە گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى.
ھازىرغىچە، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە 1700دىن ئارتۇق بىنانىڭ سىرتقى قىياپىتى ئۆزگەرتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 784 بىنا تېخىمۇ كۆركەملەشتۈرۈلدى، 412 بىناغا ئىسسىق ساقلاش ماتېرىيالى چاپلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، 35 كوچىنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 15 كوچىنى گۈزەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە ۋاقىتتا شەھەر قىياپىتىدە يېڭىلىنىش بولىدىكەن.