تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن قوغدايمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى››، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى›› يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن قوغدايمىز

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، باش شۇجى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىستىلنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىمىز

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئېچىپ، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى››، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى››نى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئەڭ ئالىي پىرىنسىپى، تۈپ جەھەتتىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي مەسئۇلىيىتى. ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى››نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇش كېرەك. بىرىنچى، يادرونى قەتئىي تەۋرەنمەستىن قوغداش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، ئىدىيەدە يادرونى ئېتىراپ قىلىپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا ئەگىشىپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادروغا قەتئىي سادىق بولۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئىككىنچى، پارتىيەگە باشتىن – ئاخىر سەمىمىي سادىق بولۇش كېرەك. سەمىمىي ئادەم بولۇپ، سەمىمىي سۆزلەپ، سەمىمىي ئىش قىلىپ، سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنى، تىلى بىلەن دىلىنى بىردەك قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› قىلماي، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى›› بولماي، پارتىيە نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلىدىغان، پارتىيە ئىنتىزامىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە ۋە ئىتتىپاقلىققا، بىردەكلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىنتىزام، قائىدىلەرگە قاتتىق بويسۇنۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا، تەشكىلىي ئىنتىزامىغا، پاك – دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا، ئاممىۋى ئىنتىزامىغا، خىزمەت ئىنتىزامىغا، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا قاتتىق بويسۇنۇش، مۇھىم مەسىلىلەردە يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي قىلماسلىق كېرەك، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا راۋان ئىجرا قىلىنىشىغا، ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى››گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىدىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولىدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشتە قەتئىي بوشاشماي، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەش كېرەك. بىرىنچى، ئىستىلنى ئۈزلۈكسىز توغرىلاش، ئىنتىزامنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى كونكرېت پىكىرلەرنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، بىر ھالقىدىن – بىر ھالقىدىن تۇتۇپ، بىر ئىشتىن – بىر ئىشتىن قىلىپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىپ، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى تۈگىتىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتىزام تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشىلاپ، يىغىن پائالىيەتلىرىنى ئازايتىپ، ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەرنى ئىخچاملاپ، زىيارەت پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادچان، تېجەشچان بولۇشنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، قاتلاممۇ قاتلام ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئۈلگە تىكلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹قوش مەسئۇلىيەت››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش – تەكشۈرۈش شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ھەقىقىي باشقۇرۇپ، ھەقىقىي قاتتىق بولۇپ، باشقۇرۇشقا، قاتتىق بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش، ئۇزاققىچە قاتتىق بولۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ئامما ئويلىغاننى ئويلىشىغا، ئامما بىلەن بىللە ئىش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ئىزچىل ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئىگىرى سۈرۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاۋ لېجى شۇجىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە(شەھەر)، رايون ئۈچ دەرىجىلىك ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى تەسىس قىلىش خىزمىتىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسى ئورنىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ