تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

«ئالدىراش ئېرىڭىز»نىڭ ئوبدان خانىمى بولۇڭ

  دائىم بەزى ئاياللارنىڭ ئېرىنىڭ كۈنبويى خىزمەت قىلىدىغانلىقى، گەرچە كەسىپتە تازا گۈللەنگەن پەيتكە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە بولغان مۇئامىلىسىنىڭ بارغانچە سوغۇقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەگەر سىز «ئالدىراش ئېرىڭىز»نىڭ ئوبدان خانىمى بولۇشىنى ئويلايدىكەنسىز، تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىنى ياخشى ئىگىلىشىڭىز كېرەك:

  1. خىزمەتتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا تىنچ مۇھىت يارىتىپ بېرىڭ. ئاياللارمۇ ئېرىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاپ بېقىشى كېرەك. ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا تەجرىبىسى موللىشىدۇ، ئىدىيەسى پىشىپ يېتىلىدۇ. چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىدىغان باسقۇچقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كەلگۈسى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ داۋاملىق تىرىشمىسا، رىقابەت دولقۇنلىرىدا شاللىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا، كەسىپ ئۇنىڭ ھاياتىغا ئايلىنىدۇ. خوتۇنى ۋە ئائىلىسىگە يېتىشىپ بولالمايدۇ. بىر كۈنلۈك خىزمەتتن ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە خوتۇنى ئۇنىڭغا ئاچچىق بىر چىنە چاي دەملەپ ياكى يېڭى مېۋە شەربەتلىرىدىن تەييارلاپ بەرسە، ئېرى ئولتۇرۇپ ھاردۇق چىقارغاچ، خوتۇنىنىڭ ئۆزىنى ھەقىقىي چۈشەنگەنلىكى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولىدۇ. خوتۇنىغىمۇ كۆيۈنگۈسى كېلىدۇ. ئەر-خوتۇنلۇق مېھىر-مۇھەببەت مۇشۇنداق تىپتىنچ سىردىشىشلار ئارقىلىق كۈچىيىدۇ، مۇستەھكەملىنىدۇ.

  2. ئۇنىڭ خىيالچانلىقىنى چۈشىنىڭ. ئېرىڭىزنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، بېسىمى ئېغىر، زېھنىي سەرپىياتى كۆپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چارچىغان ۋاقىتلاردا خوتۇنى بولغان سىز ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە، سالامەتلىكىگە، كەيپىياتىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ خىيالچانلىقىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. سىزنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشىڭىز، مۇلايىملىقىڭىز، كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز ۋە ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان غىزالىرىڭىز ئۇنىڭغا بولغان ئەڭ ياخشى ئوزۇق، ئۈن-تىنسىز سۆيۈش ۋە زور مەدەت ھېسابلىنىدۇ.

  3. ئەتىگەندىن كەچكىچە خاپا يۈرمەڭ. قىزىقىش، ھەۋەس قىلىشمۇ چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇرىنى تاۋلاپ، بىكارچىلىق ۋە ئىچ پۇشۇقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاياللارنىڭ تۇرمۇش مەزمۇنى سەرخىللاشقانسېرى، ئېرىگە بولغان يۆلىنىۋېلىش ۋە قالايمىقان خىياللارمۇ ئازلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەزى ئاياللار ئەندىشە قىلىدىغان «ھېسسىياتتىكى يىراقلىشىش» ئەرلەرنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئاياللارنىڭ كەم ئەقىللىقىدىن بولغان ئىش. ئاياللار بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولسا، كەيپىياتىمۇ ياخشىلىنىدۇ. ئەرلەرمۇ بۇنىڭدىن خۇشاللىنىدۇ. ھېچقانداق بىر ئەرنىڭ قاپىقىدىن مۇز يېغىپ يۈرىدىغان خوتۇننى كۆرگۈسى كەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە!

«بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ