ئۆز خەۋىرىمىز: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 206 زەنجىرسىمان كەسپىي كارخانا 12-نويابىر زەنجىرسىمان كەسىپلەر سودا ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ، كوللېكتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا قولايلىق تاللا بازىرى، ئۆي مۈلۈك تىجارىتى، مەھسۇلات ۋاكالەتچىلىكى، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ئاپتوموبىل تىجارىتى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى، ئەشيا ئوبوروتى، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، مەبلەغ سېلىش، تەربىيەلەش قاتارلىقلار زەنجىرسىمان كەسىپكە چېتىلىدىكەن.
شىنجاڭ زەنجىرسىمان كەسىپلەر سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېنكەينىڭ ئېيتىشىچە، زەنجىرسىمان كەسىپلەر سودا ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇش ۋەزىيەت تەقەززاسى بولۇپ، كوللېكتىپ تەرەققىيات بىر خىل يۈزلىنىش، بىر خىل ئىدىيە ھېسابلىنىدىكەن، شىنجاڭدىكى زەنجىرسىمان كەسىپكە چېتىشلىق كارخانىلارنىڭ كوللېكتىپ تەرەققىي قىلىشى ئۆزى يالغۇز كۈرەش قىلىش دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
جاڭ ۋېنكەي مۇنداق بىلدۈردى: زەنجىرسىمان كەسىپلەر يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر بولۇپ، كەلگۈسى مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. شىنجاڭ زەنجىرسىمان كەسىپلەر سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، زەنجىرسىمان كەسىپلەرنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى بىرىكتۈرۈلۈپ، «ھەمكارلىق، ئورتاق يېڭىش، راۋاجلىنىش» ئاساسىدا، سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۇپىسىدىن پايدىلانغان ھالدا زەنجىرسىمان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئېڭى كۈچەيتىلىدۇ ھەمدە كەسىپلەر توپى ئارقىلىق كوللېكتىپ تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى زەنجىرسىمان كەسىپلەرنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېڭى ئىدىيە يېتەكچىلىكىدە زەنجىرسىمان كەسىپلەر زورايتىلىپ ۋە كۈچەيتىلىپ، تىجارەتتە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدىكى ۋە تەقلىد قىلىشقا بولىدىغان سودا ئەندىزىسى ئارقىلىق كىچىك تىپتىكى زەنجىرسىمان كەسىپلەر ھەم ئوتتۇرا تىپتىكى زەنجىرسىمان كەسىپلەر تېز راۋاجلاندۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەمدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭ زەنجىرسىمان كەسىپلەر سودا ئۇيۇشمىسىغا كىرگەن 206 ئەزا كارخانىنىڭ 5000غا يېقىن دۇكىنى ۋە 400 مىڭغا يېقىن كەسىپكارلىرى بار ئىكەن.