تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنايلى

  − شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

  «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  ئىسلاھات بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

  رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا- سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا، دۇنيا ئىقتىسادىدا يۈز بېرىۋاتقان چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى كۆزىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى كۆزلەش توغرىسىدا تۆت نۇقتىلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنياغا جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى مۇساپىسى؛ دۇنياغا يەنىمۇ يۈزلىنىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى؛ خەلقنى مەركەز قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا قەدەم تاشلاشنىڭ يېڭى مۇساپىسى؛ يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ مۇساپىگە ئاتلىنىدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. چوڭقۇر ئىدىيە، كەڭرى نەزەر، مەردانە ئىشەنچ يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى تارتتى.

  «بەش چوڭ مۇساپە»گە ئاتلىنىشتا، ئالدى بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە ئاتلىنىش كېرەك، بۇ، ئىسلاھاتنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا چىقىرىلغان مۇپەسسەل يەكۈن، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. «تەرەققىيات تېما چىقىرىدۇ، ئىسلاھات ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ»، مانا بۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى دۆلىتىمىز تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسىدۇر. ئىسلاھات بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان ئۇلۇغ تەرەققىياتىدىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭدا دەل يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈزۈلمە- مېخانىزمىدىكى توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، 360 زور ئىسلاھات لايىھەسى، 1500دىن كۆپرەك ئىسلاھات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئاچقۇچ بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  تەرەققىيات يولىدا ئاخىرقى نۇقتا يوق، پەقەت يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىلا بار. خەلقئاراغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، دۇنيا ھازىر تېز ئۆزگىرىۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىدا يەنىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادنىڭ ئېشىش كۈچىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىياتنى كۆزلەش نىشانى بولۇپ قالدى. دۆلەت ئىچىگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا نۇرغۇن يېڭى باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلدى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىقتەك بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى ھەل قىلىنغىنى يوق، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى تېخى يۇقىرى ئەمەس، شۇنداقلا خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى كۈچلۈك، ئېھتىياج كۈنسېرى كېڭەيمەكتە. ئىلگىرىلەش يولىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى دەل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتۇر. يېڭى دەۋردە يېڭى مۇساپىنى باشلاشتا، ئالدى بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش كېرەك.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، چېكىنىشكە يول يوق. دۇنيا خاراكتېرلىك ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دولقۇنىدا، ئىككىلىنىش، ئارىسالدى بولۇشنىڭ چىقىش يولى يوق، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا قاراپ ماڭغاندىلا، ئاندىن «بايراقنى دولقۇندا نەم قىلماي ماڭالايمىز». ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە بىز ھەل قىلىش قىيىن بولغان نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، نۇرغۇن «خەتەرلىك ساھىل»لاردىن ھالقىپ ئۆتتۇق، لېكىن يەنە نۇرغۇن « پۇتلىكاشاڭ»لارنى، «توسالغۇ»لارنى سۈپۈرۈپ تاشلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ۋە تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ، كەلگۈسىگە ئاتلىنىشنىڭ بۇرغىسىنى چالدى. مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زامانغا ماس كەلمەيدىغان بارلىق ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىللىتىنى قەتئىي سۈپۈرۈپ تاشلاپ، تۇراقلىشىپ قالغان مەنپەئەت چىتلىقىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

  سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ئايلىنىشى ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئاندىن ئېلىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

  ئىسلاھات بىر مەيدان يېڭى، ئۇلۇغ ئىنقىلاب. دەل مۇشۇ 40 يىلغا يېقىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يېڭى دەۋردە بۇ مەيدان ئۇلۇغ ئىنقىلابنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش، ئىسلاھات سالمىقىنى تېخىمۇ زورايتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلا بولساق، چوقۇم تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ