ئۆز خەۋىرىمىز: 9-نويابىر شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەزالىرى 2017\2018-پەسىللىك جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىىگە قەدەم قويدى. ئۇلار بۈگۈن (13-نويابىر) جياڭسۇ ئاياللار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
9-نويابىر، «يېڭى مۇسابىقە پەسلى، يېڭى نىشان، يېڭى ئۈمىد 2017\2018-يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ نامىنى ئىشلىتىش توختامىغا ئىمزا قويۇش ۋە يېڭى مۇسابىقە پەسلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى» شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە «شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى كوماندىسى» دېگەن نامنى ئىشلىتىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
بۇ شىنجاڭ ئاياللار كوماندىسىنىڭ 2015-يىلدىن بۇيان ئۈچىنچى قېتىم WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ، 2015\2016- ۋە 2016\2017-مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ ئاياللار كوماندىسى ئىككىنچى، ئۈچىنچى بولغانىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى زۇنۇن كېرەم شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.