تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

  پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (10)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  يېڭى دەۋر مۇساپىسىگە قەدەم تاشلىغاندا، ئۇلۇغ ئارزۇ بىزنى كۈرەشكە چاقىرماقتا؛ يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرغىنىمىزدا، گۈللىنىشنىڭ پارلاق كەلگۈسى بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە.

  «جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى − جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش»؛ بۇ يېڭى دەۋر «پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغان دەۋر»؛ «ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالغا يۈرۈش قىلىش كېرەك»...

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سانسىزلىغان ئىرادىلىك زاتلارنىڭ ئارزۇسى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى، پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي بۇرچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىنىپ، قايتا- قايتا تىلغا ئېلىنغان، بۇ، كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى چوڭقۇر ئىگىلەپ، 1 مىلياردتىن ئارتۇق خەلقنى بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلىش كېرەك.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، بىز مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ چوڭ قەدەم تاشلىدۇق. ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىمىز، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىمىز %30تىن، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىمىز %70تىن ئېشىپ كەتتى... جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى خۇددى «ماچتا ئۇچى كۆرۈنۈپ تۇرغان» پاراخوتقا، «ھەر تەرەپكە نۇر چېچىپ تۇرغان» قۇياشقا ئوخشاش كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولماقتا. بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز تېخىمۇ كامىل ھەم ئىقتىدارىمىز بار. بىراق بۇ نىشانغا ئاسانلا ھەم ھە- ھۇ بىلەنلا يەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا پۈتۈن پارتىيە چوقۇم تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلىرى مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

  نەزەرىيە ئارزۇنىڭ يول يېتەكچىسى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش كېرەك. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان توغرا نەزەرىيە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلىغۇسى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بۇ نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ جېنى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرغاندىلا، ئاندىن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلالايمىز.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى خام خىيال بولۇپ قالغان بولاتتى». 96 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز زىممىسىگە ئالغان تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور قۇربانلارنى بېرىپ، تارىختا ئارقا- ئارقىدىن ئۆچمەس مۆجىزىلەرنى ياراتتى. ئىش ئاخىرلاشقانسېرى قىيىنلىشىدۇ، قىيىن توختايدىغىنى ئاخىرقى يېرىمى. تارىخ قەيسەر، جاسارەتلىك، كۈرەشچان كىشىلەرگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىككىلەنگۈچىلەرنى، ھۇرۇنلارنى، قىيىنچىلىقتىن قورقىدىغانلارنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە جەسۇرانە كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، مەغرۇرلۇق- ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىش ئىستىلىنى ساقلاپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، ھەر بىر مىنۇتنى چىڭ تۇتۇش روھى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى كېرەك.

  «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى». جۇڭگو ئارزۇسى تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنىڭ ئارزۇسى بولۇپ، چوقۇم خەلققە زىچ تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەمىز خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن- ئاخىر چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىدىغانلا بولسا؛ شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرى تارىخىي چوڭ ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئالىي مىللىي مەنپەئەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم ئىگىلىگەندىلا؛ ياشلار دادىل ھالدا دەۋر ئەزىمەتلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدە ياشلىق ئارزۇسىنى پەرۋاز قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش جەريانىدا كىشىلىك ھاياتىنىڭ مەنىلىك سەھىپىلىرىنى يېزىپ چىققاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاخىرقى ھېسابتا نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشى داۋامىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

  ئۇلۇغ سەپەر خەلق ئۈچۈن بېسىلغان بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، باش ئەگمەيدىغان ئۇلۇغ مىللەت، جۇڭگو خەلقى ئەمگەكچان، باتۇر، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئۇلۇغ خەلق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ئۇلۇغ پارتىيە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، 1 مىلياردتىن كۆپرەك خەلقنىڭ زور كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلىسەك، چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تېخىمۇ بالدۇر ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى 6- نويابىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ