تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

بىزنىڭ يېڭى دەۋرىمىز

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇلۇغ گۈللىنىش يول خەرىتىسىنى سىزىپ، كۈرەش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. بىز يېڭى دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز، ئۇلۇغ گۈللىنىشكە تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق. ئەلۋەتتە، كۈرەش ۋەزىپىسى يەنىلا ئېغىر، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، تەرەققىيات مۇساپىسى يەنىلا ئۇزۇن. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە پۈتمەس – تۈگىمەس كۈچ – قۇۋۋەت بىلەن، بوران – چاپقۇنغا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىيەيدۇ.

   مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 19 - قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىگەن «بىزنىڭ يېڭى دەۋرىمىز» ناملىق فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

- مۇھەررىردىن.

   جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىدىن 20 – قۇرۇلتايغىچە بولغان بەش يىل «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ تارىخىي گىرەلىشىش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا ئاتلىنىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى مۇھىم ۋاقىت ھالقىلىرى خىزمىتىمىزنىڭ نىشانى.

   2018  -يىلى بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم تەدبىر، 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىسىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى، خەلق تەدرىجىي بېيىدى. بىز تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ۋەزىيەتنى پەملەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى قەتئىي ئېغىشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي ئېغىشماي كېڭەيتىپ، ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئۆزئارا تولۇقلايدىغان قىلىپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىمىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە جەزمەن ئىشقا ئاشىدۇ..

   2019 -يىلى بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. بىز يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو خەلقى ۋە ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزىمىز. بىز «13 – بەش يىل» لىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ھەم كەلگۈسى تەرەققىياتنى يېڭىدىن پىلانلاپ، تۈرلۈك ئىشلىرىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

   2020- يىلى بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتتە بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ؛ ئورتاق بېيىش يولىدا بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. بىز پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملاپ، ۋەدىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. بىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىشنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى تۇتۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىمىز. قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى يىلدىن – يىلغا تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.

     2021-يىلى بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلىغان، پارتىيەمىز 100 يىلنى باشتىن كەچۈرۈپ قىرانلىق دەۋرگە قەدەم قويىدۇ! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە. چوڭنىڭ چوڭچە قىياپىتى بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلالايدۇ، شۇنداقلا ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلابنىمۇ ئېلىپ بارالايدۇ. بىز غەيرەت – جاسارىتىمىزنى مەڭگۈ ساقلاپ، مەڭگۈ خەلقنىڭ چاكىرى، دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولىمىز. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئازراقمۇ تىنىۋېلىش، ئارام ئېلىۋېلىش خىيالىدا بولمايمىز. بىز پارتىيەنىڭ ساغلام مۇسكۇلىنى چىرىتىدىغان بارلىق ئۆسمىلەرنى داۋاملىق يوقىتىپ، كەيپىيات توغرا، ئىستىل دۇرۇس بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچى ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئازاب – ئوقۇبەتلەر ئىچىدىن ھازىرغا ئۇلاشتى، شۇڭا تىنچلىقنىڭ قانچىلىك ئەتىۋارلىق، تەرەققىياتنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. جۇڭگو خەلقى ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئۆزىنى قەدىرلەيدۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشلارغا ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

    تارىخنى خەلق ياراتقان، بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر خەلققە مەنسۇپ. خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، خەلققە مەھكەم تايانساقلا، پۈتمەس – تۈگىمەس كۈچ – قۇۋۋەت ئېلىپ، بوران – چاپقۇنغا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

   مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.  بىز كۆپ ماختاش سۆزلىرىگە موھتاج ئەمەس، بىز ئىزچىل ئوبيېكتىپ تونۇشتۇرۇش ۋە پايدىلىق تەكلىپلەرنى قارشى ئېلىپ كەلدۇق، «باشقىلار نېمە دەپ ماختىسۇن، ئۆز پەزىلىتىمىز ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلساقلا كۇپايە».

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ