تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسى جەريانىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (2)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- نويابىر تېلېگراممىسى. 70 يىلغا يېقىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، «1949- يىلىدىن 2049- يىلىغىچە» بولغان بۇ گۈللىنىش، قۇدرەت تېپىشتىكى ۋاقىت جەدۋىلى ئىنتايىن مۇھىم «كېيىنكى يېرىم مۇساپە»گە قەدەم قويدى. مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسىنىڭ دەرۋازىسىنى نېمىگە تايىنىپ ئاچىمىز؟ قانداق قىلغاندا زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىشتىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتالايمىز؟

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر»، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسى جەريانىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ». باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتىنى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىدى. مەردانە قىلىنغان سۆزلەر ئۆتمۈشتىن چىقىرىلغان خۇلاسە، شۇنداقلا كەلگۈسى ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىلان؛ ئۇ جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىرادىسى، شۇنداقلا ئىسلاھات توغرىسىدىكى خىتاب.

  تارىخ كەلگۈسىنى چۈشىنىدىغان ئاچقۇچ. 30 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بېيجىڭدا چەت ئەللىك بىر مودا كىيىم لايىھەلىگۈچىنىڭ ئۇچىسىدىكى قارا يۇڭ پەلتۇغا نۇرغۇن كىشى ھەيران بولۇپ قارىشىپ قالغانىدى؛ ھازىر جۇڭگو قىزىلى، جۇڭگو ئۇسلۇبى دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مودا كىيىم ھەپتىلىكىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلغا ئايلاندى. 30 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ GDPسى ئاران 364 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىدا ئىدى؛ ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 200 نەچچە ھەسسە قاتلاندى، يىللىق ئېشىش مىقدارى ئوتتۇرھال تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىزنى «چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشتۈردى»، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا ئېرىشتۈردى.

  تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. دېڭ شياۋپىڭنىڭ «ئىسلاھ قىلمىساق ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق» دەپ چاقىرىق قىلىشىدىن تارتىپ، شى جىنپىڭنىڭ «ئىسلاھاتتا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ» دېگەن مەردانە قەسىمىگىچە، جۇڭگو موھتاجلىق ئىچىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىغا ماڭدى، شۇنداقلا داۋاملىق كۈرەش قىلىش جەريانىدا بۇ ئۇلۇغ يول بىلەن ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى. بەش يىل ئىلگىرى غەرب تاراتقۇلىرى «جۇڭگو يەنە بىر توسۇقتىن ئاتلاپ ئۆتۈشى كېرەك» دەپ مىسال كەلتۈرگەنىدى، ئەمما ھازىر ئۇلار «جۇڭگونىڭ داۋاملىق باش كۆتۈرۈشى»دىن ئەجەبلەنمەكتە. بىز تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىش، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىشتەك جاسارەت، تامچە سۇ تاشنى تېشەر، تانا بىلەنمۇ تاختاينى تىلغىلى بولۇر دېگەن چىدام- غەيرەت بىلەن مىسلى كۆرۈلمىگەن تارىخىي ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، يېقىنقى زاماندىن بۇيان، ئېغىر ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، باي بولۇشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىگە قارىغاندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

  پەيلاسوپلار مۇنداق دەيدۇ: ۋاقىت ھەقىقەتنىڭ يېقىن دوستى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى بولغان. تارىخ بېتىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئەجنەبىيچىلەر ھەرىكىتى، ۋۇشۈ يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش، شىنخەي ئىنقىلابىي قاتارلىقلاردا ئىسلاھ قىلىش، قۇدرەت تېپىش قىزغىنلىقى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئىرادىسى كەم بولمىغان، بىراق ھەممىسى تېزلا ئاخىرلاشقان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمىشقا شۇنداق قىلالىدى؟ بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، كوممۇنىستلار ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جاپالىق ئىزدىنىش جەريانىدا، ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ يىمىرىلمەس ھەقىقەتنى تاپتى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر توغرا يولنى ئاچتى. «بىز تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىگە قارىغاندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بۇ نىشانغا يېتىشكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز تېخىمۇ ئاشتى. بۇ ئىشەنچ تارىخ ئىسپاتلىغان مۇۋەپپەقىيەتتىن، خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ تاللاشتىن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن يېڭى ئىدىيە، يېڭى بۇرچتىن كەلگەن. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدۇق، بۇ، بىز بىر ئەۋلادنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرى بولۇپ، ھېلىھەم «قارلىق تاغلار» ۋە «ئوتلاقلار»دىن ئۆتۈشىمىزگە، «لۇشەنگۈەن» بىلەن «لازىكۇ»نى بويسۇندۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، بىراق بىز يېڭى ئىدىيەنى يېڭى مۇساپىمىزگە يېتەكچى قىلدۇرۇپ، ئېغىر كېسەلنى ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق داۋالىساق، جاھىل كېسەلنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يىلتىزىدىن ساقايتساق، شانلىق چوققىغا قەدەممۇ قەدەم يېقىنلىشالايمىز.

  2018- يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش بولىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى «رىۋايەتتىكىدەك تەرەققىيات»نىڭ خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى يىپيېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدىغانلىقىغا؛ 100 يىللىق داۋالغۇش ئىچىدە قالغان مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە يەنىمۇ ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تېخىمۇ مەردانە قىياپەت بىلەن دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ