مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىدىن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى بويىچە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازىرىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ قاراماي ‹‹دۇڭيى›› كىيىم – كېچەك شىركىتى جام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 200 ئوقۇغۇچىغا قىممىتى 20 مىڭ يۈەنلىك 200 يۈرۈش مەكتەپ فورمىسى ياردەم قىلدى.شىنجاڭ قاراماي ‹‹دۇڭيى›› كىيىم – كېچەك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈشتە چوڭ – كىچىك دەپ ئايرىماي، رايون ئايرىماي ھەرىكەتلەنسەكلا كۇپايە، بۇنىڭدىن كېيىن ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنى ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرساق دەيمەن.
شىنجاڭ قاراماي ‹‹دۇڭيى›› كىيىم–كېچەك شىركىتى ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ فورمىسى ياردەم قىلدى
مۇھەررىر:
مەۋلۈدە ئابلىز
|
مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى
2017/10/28 13:06
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.