تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ياخشى روھىي ھالەت، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

 چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئۆز خەۋىرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 10–ئاينىڭ 16–كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى روھىي ھالەت ۋە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7–ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە 19– قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدىكى بىر قېتىملىق ناھايىتى مۇھىم يىغىن، ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6–ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىللىق خىزمەتلەر چوڭقۇر خۇلاسىلەندى، ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر ئىلمىي ئانالىز قىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار بىر قانچە مۇھىم مەسىلە چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 19–قۇرۇلتىيىنى ئېچىشقا تولۇق تەييارلىق قىلىندى. بىز ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، كونىسىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم فاڭجېن – سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، بىر قاتار چوڭ – چوڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ ھەل قىلالمىغان كۆپلىگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى بېجىرىشنى ئويلىغان بولساقمۇ بېجىرەلمىگەن چوڭ ئىشلارنى بېجىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى، تۈپتىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىنىڭ بولغانلىقى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ياخشى روھىي ھالەت ۋە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك. بىرىنچى، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى باشتىن – ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ، چەمبەرچاس باغلاپ، ھەممىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش كېرەك. ئىككىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك. دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تۈرلۈك خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە – مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشىغا، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلىشىگە، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىدە جەزمەن تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم – كوتسىز ئىجرا قىلىپ، ھەرقانداق جاي ۋە تارماقنىڭ خىزمىتىدە چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تۆتىنچى، جەزمەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش كېرەك. كۆڭلىگە پارتىيەنى، خەلقنى، مەسئۇلىيەتنى پۈكۈپ، ھەر ۋاقىت ئېھتىياتچان بولۇپ، سىياسىي ئىرادىسى، ئىنتىزام ئىرادىسى، ئەخلاق ئىرادىسى، چىرىكلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا ئۈلگە، نەمۇنىچىلەردىن بولۇش كېرەك.

 شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ