تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى پايدىلىق ئىزدىنىشلىرى

    باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئاچقۇچ − پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا. بۇنىڭ ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە كۈچلۈك بولغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش جەھەتتە تىرىشىپ ئۈنۈملۈك ئىزدەندى، كادىرلار شىنجاڭنىڭ تاغ- دەريالىرىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، سەمىمىي، سادىق بولۇپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئۆزىنى قۇربان قىلىش جاسارىتى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باشلامچىسى ۋە يۆلەنچۈكىگە ئايلاندى.

    سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشتىن ئىبارەت بۇ روھ گەۋدىلەندۈرۈلدى

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن» كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، شىنجاڭدىكى كادىرلار قوشۇنىنىڭ سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى يېڭى تەلەپ قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈشنى باشتىن- ئاخىر كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ روھى قىلىپ، ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى ھەم تەربىيەلەش، نازارەت قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، داۋاملىق تىرىشىپ، ھەر دەرىجىلىك ھەر مىللەت كادىرلارنى سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي مەيدان، سىياسىي پىكىر، سىياسىي ھەرىكەت جەھەتتە ئاڭلىق ھالدا قائىدىگە ئەمەل قىلىپ، ئىنتىزامغا بويسۇنۇشقا، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتەك زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە مەيدانىنى مۇستەھكەم، بايرىقىنى روشەن قىلىشقا، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، دادىللىق بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشكە، دادىللىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا، دادىللىق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىدى.

  نەزەرىيە ئۆگىنىش كۈچەيتىلدى. سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىك نەزەرىيە جەھەتتىكى سەگەكلىكتىن كېلىدۇ. مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە قانات يايدۇرۇلغان «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيە پائالىيىتى ۋە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسى ئاپتونوم رايونىمىز قانات يايدۇرغان «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى، «پارتىيە نىزامنامىسى»، «پارتىيە قائىدىسى»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللەندى، قايتا- قايتا ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىش، داۋاملىق ئۆگىنىش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، سىياسىيدا، ئىدىيەدە، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىدى.

  نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش كۈچەيتىلدى. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، «كومپارتىيە ئەزالىرى، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»، «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»، «كومپارتىيە ئەزالىرى، دۆلەت مەمۇرلىرىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا چەت ئەلگە (چېگرادىن)چىققانلارنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» قاتارلىق تۈزۈملەر يولغا قويۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە كادىرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكىتى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى، سىياسىي سەزگۈرلۈكى ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى كۈچەيتىلدى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بايراق روشەن ھالدا قاتتىق ئېنىقلىنىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ سىياسىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، غايە- ئېتىقادىنى يوقاتقان، دىنغا كۆرۈنۈشتە ئېتىقاد قىلمىغاندەك بولۇۋېلىپ، قەلبىدە ئېتىقاد قىلىدىغان، دېگىنى بىلەن قىلغىنى بىر خىل بولمىغان، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولۇۋالىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تازىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىدىكى سىياسىيدا پاك بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.

  توغرا رىغبەتلەندۈرۈش كۈچەيتىلدى. سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشنى كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلدى، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش- ۋەزىپىگە تەيىنلەش جەھەتتە سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك، غايە- ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ئەمەلىي ئىپادىسى كادىرلارنى باھالاش، تەكشۈرۈش، ئىشلىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلىنىپ، بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە دادىل كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلغان كادىرلار ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى باتۇرانە كۈرەش قىلىپ تۆھپە ياراتقانلار تېز پارتىيەگە كىرگۈزۈلدى، تېز ئۆستۈرۈلدى، تېز مۇكاپاتلاندى، مۇشۇ يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىل مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، سىياسىي مەيدانى ۋە سىياسىي پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەشكە، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا، پارتىيە، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، پارتىيە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا يېتەكلىدى. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش توغرىسىدىكى داغدۇغىلىق پائالىيەتلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى قاپلاپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارغا زور ئىلھام بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنى تەربىيەلىدى.

    ئىقتىدار جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشتىن ئىبارەت بۇ يادرو چىڭ تۇتۇلدى

  سىياسىي لۇشيەن بېكىتىلگەندىن كېيىن، كادىرلار ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى يېزا، مەھەللىلەرگە، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ 1- سېپىدە، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە خاراكتېرىنى چېنىقتۇرۇش، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشقا ئالاقىدار تەدبىرلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى. مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات شىنجاڭ خىزمىتىدىكى چوقۇم ياخشى ئىشلەشكە تېگىشلىك ئىككى خىزمەت، ھەم ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، ھەم نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش داۋامىدا خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش شىنجاڭدىكى كادىرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىككى يۈرۈش خىزمەت بەنزىسى تەشكىللىدى، بىر يۈرۈش بەنزە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلدى، بىر يۈرۈش بەنزە زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتۇپ، مەركەزلىك بىر تۇتاش بولۇش، ئىش تەقسىماتى ئايدىڭ، قولايلىق، ئۈنۈملۈك بولۇش، ئەمر- پەرمانلار راۋان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇپ، قاتلاممۇ قاتلام مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان سىستېما بەرپا قىلدى.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى. كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئەمەلىي جېڭىدە مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئۇدا تۆت يىل قانات يايدۇردى. 2016- يىلىدىن باشلاپ «قوش تىل» مائارىپىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. تۆت يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورگان، ئورۇنلاردىكى كادىرلار كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى نۆۋەت بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلىدى. ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ تامىقى، ياتىقى، خىزمىتى كەنتتە بولدى، ئۇلار مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە زىددىيەت ئالدىدا ئۆزىنى قاچۇرماي، خىرىس ئالدىدا قورقۇپ قالماي، قىيىنچىلىق ئالدىدا چېكىنمەي، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى، دىننى باشقۇرۇشقا دائىر تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىۋاسىتە قاتناشتى ۋە ئۇنى تەشكىللىدى، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقتى، ئانالىز قىلدى ۋە تۈگەتتى، زىددىيەت، خەۋپ- خەتەرلەرنى بايقاش، ئالدىنى ئېلىش، ھەل قىلىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئىزچىل ئۆستۈرۈپ، نۇرغۇن خەتەرلىك زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى ۋاقتىدا، بىخ ھالىتىدە يوقاتتى.

  ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى. خەلق ئاممىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ. ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئاممىغا سىڭىشىش ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كادىرلارنى مەھەللىگە چۈشۈرۈش ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى. تۆت يىلدىن بۇيان، بارلىق كادىرلار ئائىلىسىنى ئۇنتۇپ، كوللېكتىپنى ئويلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، كىبىرىنى تاشلاپ، يېزا، كەنت، مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار بىلەن بىرلىكتە ئاممىنى يوقلاپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ھەر مىللەت ئاممىغا چىن دىلىدىن ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا ياخشى ئوبراز تىكلىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار كەنت (مەھەللە)لەردىكى ئاممىنى 81 مىليون 415 مىڭ 200 قېتىم زىيارەت قىلدى، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە 3 مىليون 7500 قېتىم ياردەم قىلدى، ئاممىغا 703 مىڭ 500 قېتىم ياخشى، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوندىكى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە كارخانىلاردىكى 1 مىليون 90 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 460 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، 6 مىليون 870 مىڭ (قېتىم) ئاممىنى زىيارەت قىلدى، 174 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

    ئىستىلى ياخشى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساس پۇختىلاندى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «قانچىكى قىيىنچىلىق بار جايدا، كادىرلار ئىستىلى شۇنچە مۇھىم. ياخشى ئىستىل پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي پەزىلىتى، بارلىق مۈشكۈلاتنى يېڭىپ، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى ئەڭگۈشتەر. شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى جاپالىق، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى كەسكىن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئىشلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئاچقۇچ قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، سىياسەتلەرنى ئۇنىۋېرسال يولغا قويۇپ، كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى.

  مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش كۈچەيتىلدى. ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردىن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەش، توغرا نەتىجە قارىشىنى ئاڭلىق تۇرغۇزۇش تەلەپ قىلىنىپ، مەۋقە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشانغا قويۇلۇپ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە تەدبىر، چارىلىرى تەتقىق قىلىپ تۈزۈلۈپ، «تۆھپىسىنى كۆرسىتىش»كە ئەھمىيەت بېرىپ «يوشۇرۇن نەتىجە»گە سەل قاراش، «يېقىنقى ئۈنۈم»گە ئەھمىيەت بېرىپ «ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈم»گە سەل قاراش، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، يالغان مەلۇم قىلىپ كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش، ساختىپەزلىك قىلىش، شەكىلۋازلىق قىلىش، سۆلەتۋازلىق قىلىش قاتارلىق خاتا قىلمىشلار ھەقىقىي تۈزىتىلىپ، خىزمەت چارىسى، ئۇسۇلى، لايىھەسى ئەمەلىيەتكە، قانۇنىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، تارىخ، ئەمەلىيەت ۋە ئاممىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان نەتىجە يارىتىلدى. ئۇزاق مۇددەت يېزا- بازارلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان كادىرلارغا سىياسىي جەھەتتىن ئېتىبار بېرىلدى، يېزا- بازارلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى سەككىز يىلدىن ئاشقان، باھالاشتا مۇنەۋۋەر بولغان باش ۋەزىپىدىكى كادىرلار مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىندى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش تارىخى كادىرلارنى ئۆستۈرۈش- ۋەزىپىگە تەيىنلەشنىڭ مۇھىم شەرتى قىلىنىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىگەن مۇنەۋۋەر كادىرلار كۈچەپ ئۆستۈرۈلۈپ، مۇھىم خىزمەتكە قويۇلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان 3721 كادىر ئۆستۈرۈلۈپ، مۇھىم خىزمەتكە قويۇلدى.

  «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»قا قارشى تۇرۇلدى. مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى مەخسۇس ئۆگىنىش- تەربىيە پائالىيىتى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇلۇپ، مەسىلە تىزىملىكى ۋە تۈزىتىش دەپتىرى تەسىس قىلىنىپ، كادىرلار ئارىسىدىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچلۈك بولماسلىق، خىزمەت ئىستىلى ئەمەلىي بولماسلىق مەسىلىلىرى تىرىشىپ ھەل قىلىندى. بولۇپمۇ 2017- يىلى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسى پائالىيىتى جەريانىدا «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات» قاتتىق تۈزىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئاممىۋى خىزمەتنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ۋە قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ئەستايىدىل ھەل قىلىنىپ، كادىرلار ئىستىلى ئەمەلىي بولماسلىق، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە چېقىلىش مەسىلىلىرى ۋە قانۇن- ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەر قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ ۋە مەنبەدىن تۈزىتىلىپ، چۆچۈتۈش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلدى.

  ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش قاتتىق تۇتۇلدى. كادىرلارنى قاتتىق، چىڭ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراغ ئۆتكۈزۈشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»، «ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش ئىشلىرىدا ھاراق ئىچىشنى مەنئى قىلىش بەلگىلىمىسى»، «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆزئارا ھېيتلىشىشىغا يول قويماسلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قاتارلىق بەلگىلىمىلەر چىقىرىلىپ، ئادەم، ئىش، ھوقۇق تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇلدى. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چوڭ ئىشلارنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، ئۆزى، تۇغقانلىرى، ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى ياخشى باشقۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. رەھبەرلىك ئورگىنى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، خىيانەتچىلىك- پارىخورلۇق، چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلىشىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش دېلولىرى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ خەلقنىڭ مال- مۈلكىنى شىلىۋېلىش، پايدىنى كۆزلەش، ئومۇمنىڭكىنى شەخسنىڭكىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەر قەتئىي تۈزىتىلىپ، كادىرلارنىڭ ھەرىكىتى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارغا ئازغىنە پايدىنى كۆزلىمەسلىك، ئىمتىيازىنى پەش قىلماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىلىپ، كادىرلار، ئامما غەيۋەت قىلمايدىغان، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى مۇھىت يارىتىلدى.

  ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە كۈچلۈك يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، شىنجاڭنى قۇرۇش، شىنجاڭغا تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرگەندىلا، شىنجاڭ دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە ماسلاشقىلى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەتجان ياسىن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ