تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

پۇقراۋى كارخانىلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاكتىپ ئىشلەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك

    لى پېڭشىن 100 كارخانىچىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىگە قاتنىشىش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پۇقراۋى كارخانىلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاكتىپ ئىشلەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك

 مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 9- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 100 كارخانىچىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىگە قاتنىشىش پائالىيىتىنى رەسمىي باشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇقراۋى كارخانىلار ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاكتىپ ئىشلەپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كارخانىچىلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىدىيەدە تېخىمۇ بىرلىككە كەلگەنلىكى، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ دادىل زىممىسىگە ئالغانلىقى، تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمتۈرتكە بولغانلىقىنى نامايان قىلغانلىقى شىنجاڭدىكى كارخانىچىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كارخانىچىلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش − ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى، ئاساسنى پۇختىلاشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ خىزمەتنى يۇقىرى پەللىدىن پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ تارقىتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورناتتى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردى. جايلار، تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋەكىل بولۇش، ئىدارە- ئورگانلار ئارقا تىرەك بولۇش، بىرىنچى قول رەھبەر ئومۇمىي ئىشقا مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سېلىنمىنى ئومۇميۈزلۈك زورايتىپ، كاپالەتنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ جەڭ، بىر ئۇرۇش» نى ياخشى قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

  لى پېڭشىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق 81 كارخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سەككىز تۈرلۈك ۋەزىپە»نى زىچ چۆرىدەپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمەت مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان بەزى كارخانىلارمۇ تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۆھپە قوشتى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە جەنۇبىي شىنجاڭ ئاساس، كېلەچەك پارلاق، ۋەزىپە ئېغىر. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنى قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، سالماقنى زورايتىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭى، ئومۇمىي جەڭ، ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭنى ئورتاق ياخشى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقتىن ئەبەدىي ئەمىنلىككىچە بولغان تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت ھازىرلاش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭدا مۇقىملىققا مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق. شىنجاڭدا تەرەققىي قىلماقچى بولغان ھەرقانداق كارخانا باشتىن- ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك، كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنغان، نۇرغۇن جايلار جىددىي ئېچىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىدەك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللىشىپ، كارخانىنى زورايتىشى كېرەك. شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، «كارخانىلار كەنتلەرگە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنت، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مەبلەغ سېلىپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايوندىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تەشكىلاتلار پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن. 9- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن باشلاپ، 100 مۇنەۋۋەر پۇقراۋى كارخانىچى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 100 نامرات كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ، نامرات كەنتلەرنىڭ ئەمەلىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەتجان ياسىن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ