تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

پارتىيە بايرىقىنى ھەر بىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا جەۋلان قىلدۇرايلى

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلات سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلىغانلىقى توغرىسىدا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فاڭ خۇيجۈ

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانى ۋە ئاساسى قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى ئاممىغا خىزمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جەڭگىۋار، مۇستەھكەم قورغىنىغا تىرىشىپ ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەر بىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك». ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان مۇستەھكەم ئاساسىي قاتلام تەشكىلات سىستېمىسىنى تىرىشىپ قۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام كۈچلىرىنىڭ چىڭ بىرلىشىشىگە، بىرىكىپ بىر پۈتۈن تورنى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماگنىتتەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىجتىمائىي ئۇلىنى پۇختىلىدى.

    بىرىنچى شۇجى ھەرقايسى كۈچلەرنىڭ «باشلامچى»سى بولدى

  ئاساسىي قاتلامنى، ئاساسنى كۈچەيتىشتىكى ئاچقۇچ − باشلامچىنىڭ ياخشى بولۇشىدا. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «مۇنەۋۋەر كادىرلارنى كەنت (مەھەللە)لەرنىڭ بىرىنچى شۇجىلىقىغا تاللاپ ئەۋەتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، ئەڭ قابىللارنى قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر، ئاساسى ئەڭ ئاجىز، ئەڭ مۇرەككەپ كەنت (مەھەللە)لەرگە چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 1618 پارتىيەلىك كادىرنى كەنتتە تۇرۇپ بىرىنچى شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە تاللاپ ئەۋەتتى، «ئەلراينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ باشلىقى ۋە ئەزالىرىدىن 7966 كىشىنى كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ بىرىنچى شۇجىلىقىغا تاللاپ سەپلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەنت (مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىگە بىرىنچى شۇجى قويدى.

  بىرىنچى شۇجىلار كەنتتىكىلەر بىلەن تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا بىللە بولۇپ، كەنتتە خىزمەت قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، ياخشى باشلامچىلاردىن بولدى. بىرىنچى شۇجىلار كەنتتىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلارغا بولغان رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى، تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، كەنتنى ھۆددە ئالغان كادىرلار، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى كۈچلەرنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىش، مەسلىھەت بېرىش، ماسلاشتۇرۇش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى كۈچلەرنى يېتەكلەپ، كەنتتىكى ئىشلارنى ئورتاق كېڭىشىش، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ئورتاق بېجىرىش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا ئورتاق ياردەم بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىش، تەرەققىي قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتەك خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەركەزنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىشىگە، يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتكوملار بىلەن خادىملارنى ئەۋەتكەن ئورۇنلار بىرىنچى شۇجىنىڭ خىزمەتلىرىگە ھەقىقىي يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلىرىنى قوللاپ، نازارەت قىلىپ، بىرىنچى شۇجىغا بولغان تەربىيە، باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش، مۇكاپاتلاش، جازالاشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ھەرىكەتچان ھالەتتە باشقۇرۇپ، بىرىنچى شۇجىنىڭ خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئىشلىشىگە تۈرتكە بولدى. بىرىنچى شۇجى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، بىر قېتىملىق بېرىلىدىغان ئورۇنلاشتۇرۇش خىراجىتى 5000 يۈەن ۋە كەنتتە تۇرۇش تۇرمۇش ياردەم پۇلى، دەم ئېلىش قاتارلىق تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولدى، نۇقتىلىق كەنت، باشقا كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىلىرىغا يىلدا ئايرىم- ئايرىم 20 مىڭ يۈەن، 10 مىڭ يۈەندىن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش خىراجىتى بېرىلدى.

    كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن كەنت ئاھالە كومىتېتى ئاساسىي قاتلامدىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى

  ئاپتونوم رايونىمىز ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى كۈچەيتىشتىكى يادرولۇق ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىلدا %10لىك نىسبەت بويىچە ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، بىر كەنتكە بىر سىياسەت بەلگىلەپ، بىر ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ، ئۇلنى مۇستەھكەملەش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا زور كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە باش رول ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن ئىبارەت ئىككى بەنزىگە مۇنەۋۋەر، قابىللارنى سەپلەپ، نۆۋەت ئالمىشىش ئارقىلىق ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ 1570 شۇجىسىنى تەڭشىدى، دۆلەت كادىرى، ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى، دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىققانلاردىن 401 كىشىنى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلىدى، كەنت كادىرلىرى ئىچىدە تولۇق ئوتتۇرا (ئوتتۇرا تېخنىكوم)دىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار %50.22نى، پارتىيە ئەزالىرى %71.85نى ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 2016- يىلىدىكى نۆۋەت ئالمىشىشنىڭ ئالدىدىكى 50.3 ياشتىن 41.29 ياشقا تۆۋەنلىدى، ئاممىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشتىن رازى بولۇش نىسبىتى %96.84كە يەتتى. پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شارائىت ھازىرلانغان كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ دەرىجىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىغا ئۆستۈرۈلدى، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىدا پارتىيە ياچېيكىسى تەسىس قىلىندى ياكى بۇ ئورۇنلارغا پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىسى ئەۋەتىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتى ھەر بىر ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ھۇجەيرىلىرىگىچە قۇرۇلدى.

  تۈزۈم قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئومۇمىي فۇنكسىيەسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىشلىرى، كەنت ئىشلىرى، مالىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق تۈزۈملەر ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كەنت ئىشلىرىدا ئوچۇق- ئاشكارا بولۇش ئارقىلىق كادىرلار ئىستىلى ياخشىلىنىپ، زور، مۇھىم تەدبىر بەلگىلەشتە ئوچۇق- ئاشكارا، ئىلمىي، دېموكراتىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىندى.

  ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى جەھەتتە ئاساسىي قاتلامغا مايىللىشىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىراجەت سېلىنمىسى ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون يىلدا ھەر بىر كەنتكە 500 مىڭ يۈەن كەنت دەرىجىلىك خەلق تۇرمۇشى تۈرى مەبلىغى ۋە چوڭ كەنتلەرگە 150 مىڭ يۈەن، ئوتتۇراھال كەنتلەرگە 100 مىڭ يۈەن، كىچىك كەنتلەرگە 50 مىڭ يۈەندىن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش خىراجىتى ئاجراتتى؛ ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر ھەر بىر كەنتنىڭ ئايلانما مۇلازىمەت خىراجىتىنىڭ 105 مىڭ يۈەنگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. كۆڭۈل بولۇش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كەنت دەرىجىلىك باش ۋەزىپىدىكى كادىرلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي مائاشى 2570 يۈەن، مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى كادىرلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي مائاشى 1600 يۈەنگە يەتكۈزۈلدى، كەنت كادىرلىرى بىر تۇتاش كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلدى. ھازىر ھەممە كەنتتە كەنت ئاھالە كومىتېتى، مەدەنىيەت ئۆيى، خەلققە قولاي مۇلازىمەت مەركىزى، ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى پائالىيەت ئۆيى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام بازىلىرى ۋە يانداش ئەسلىھەلەر بار بولدى.

  كۈچلۈك شۇجى سەپلەندى، بەنزە تولۇقلاندى، يېتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتىلدى، بازا مۇكەممەللەشتى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.

    ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتىگە ئايلاندى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئاممىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيدىغان سىياسىي ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك». ئاپتونوم رايون ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بولۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى تىرىشىپ تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇردى. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق ياچېيكىسى، ئاياللار قۇرۇلتىيى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىپ، ئاياللار قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى، ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن كەنت ئاھالە كومىتېتى بەنزىسىگە %100 كىرگۈزۈلدى. ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىكى ياشلارنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلۇق، ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.

  «ئاياللار ئائىلىسى»گە تايىنىپ ئاياللارنىڭ كۈچى مۇجەسسەملەندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى يىلدا 31 مىليون يۈەن «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» مەبلىغى ۋە «كىشى بېشىغا بىر يۈەن» خىزمەت خىراجىتىنىڭ %70ىنى ئاساسىي قاتلامغا ئاجراتتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق كەنت ۋە مەھەللىلەردە «ئاياللار ئائىلىسى» ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلدى. «ئاياللار ئائىلىسى» ئارقىلىق «تۆۋەنگە چۈشۈپ ئوقۇتۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاياللار پېچىنە- پىرەنىك پىشۇرۇش ۋە كەشتىچىلىك قاتارلىق تېخنىكىلار بويىچە تەربىيەلەندى؛ ئائىلە بازا قىلىنىپ، «ئانا ياخشى بولسا، بالا ياخشى بولىدۇ، بالا ياخشى بولسا مىللەت ياخشى بولىدۇ، مىللەت ياخشى بولسا، دۆلەت ياخشى بولىدۇ»دېگەن ئاساسىي مېلودىيە ياڭرىتىلدى؛ «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»، «ئەڭ گۈزەل ئانا» لارنى باھالاش قاتارلىق پائالىيەت، مۇسابىقىلەر تەشكىللىنىپ، ئاياللار زامانىۋى، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇشقا يېتەكلەندى.

  ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە مول مەزمۇنلۇق ۋە خىلمۇخىل ئۆگىنىش تەشۋىقاتى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، ياشلارنىڭ سېھرىي كۈچى نامايان قىلىندى؛ كۆپ خىل پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاممىغا ئەمەلىي، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىلىپ، ياشلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرى تەشكىللىنىپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا ياردەم بېرىلىپ، ياشلارنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلدى.

  دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا ياردەم بېرىلىپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلدى. «پارتىيە تەشكىلاتى+دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى+شىركەت» ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، ئامما مەبلەغ سېلىشقا، پاي قوشۇشقا جەلپ قىلىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، شەخسلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە قول سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ئۆز ئالدىغا يىرىك شەكىلدە شۇغۇللىنىشى زامانىۋى تۈجۈپىلىك شۇغۇللىنىشقا ئۆزگەرتىلىپ، «قان بېرىش» «قان ئىشلەپچىقىرىش»قا ئۆزگەرتىلدى، بۇنىڭ بىلەن ھەم دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكى زورايتىلدى، ھەم ئاممىنىڭ «ھەميېنى» تومپايدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچى ئاشۇرۇلدى.

    زاپاس كادىرلار ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ يېڭى كۈچىگە ئايلاندى

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش مۇھىم ھالقا. سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە كۈچلۈك، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك».

  ئاپتونوم رايون پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئۇلنى پۇختىلاشنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ تەجرىبىسى مول بولۇش، سىياسەتلەرنى پىششىق بىلىش ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قوشماقلىشىش، مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قوشماقلىشىش، ئەترەت ئەزالىرى بىلەن ئادەتتىكى كادىرلار قوشماقلىشىش شەكلىنى ئومۇميۈزلۈك قوللاندى، كەنت كادىرلىرىنى تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تولۇقلىما تارقىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇتۇپ تەربىيەلەش، مۇنەۋۋەرلەرنى تاللاپ تەقدىرلەش قاتارلىق ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كەنت كادىرلىرىغا بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نوپۇزىنى ئۆستۈردى؛ كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتتى، ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتىيە مەكتەپلىرىدىن ئىبارەت ئاساسىي يولغا تايىنىپ، «چارشەنبىلىك كەچلىك كۇرس» ئېچىپ، غايە- ئېتىقاد، سىياسەت، قانۇن- نىزام، ئەمەلىي تېخنىكا ۋە بېيىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، كەنت، مەھەللىلەردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىدى؛ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ <قوش تىل> ئۆگىنىش قوللانمىسى»نى بىر تۇتاش بېسىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلارنىڭ ھەممىسىگە تارقاتتى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشى، ئىگىلىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنى كۈچەيتتى.

  پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى كۈچىنى زورايتىپ، دېھقان- چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئايرىم پىلانىنى يولغا قويۇپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاساسىدا، يىلدا بەلگىلىك ساندا پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى. بىرىنچى شۇجى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، كەنتتىكى پېشقەدەم كادىرلار بىرگە بىر قوشماقلىشىپ ياكى بىرنەچچىسى بىرى بىلەن قوشماقلىشىپ، ئۆز ئارا ياردەم بەردى، مۇھىمى كەنت، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىلىرىدىكى كادىرلار، ئىلغار نەمۇنىچىلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى تايانچلىرى قاتارلىقلار ئىچىدىن پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن كەنت ئاھالە كومىتېتى كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ پارتىيە ئەزاسى بولۇشىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلدى.

  مايسا تاللاش، مەسئۇلىيەتنى يۈكلەش، يول ئېچىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، زاپاس كادىرلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتتى. يىلدا باش ۋەزىپىدىكى كادىرلار 1:1 نىسبەتتە، مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى كادىرلار 2: 1 نىسبەتتە بولۇش تەلىپى بويىچە زاپاس كادىرلارنى بېكىتىپ، كەنت دەرىجىلىك زاپاس كادىرلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى پائال ئىلگىرى سۈردى.

    تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار ئاساسىي قاتلامدىكى قۇدرەتلىك قوشۇمچە كۈچكە ئايلاندى

  ئاپتونوم رايون قابىللارنى بىرىنچى سەپكە ئەۋەتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سەرخىللارنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى تەربىيەلەش، سىناش، تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدا ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى بېكىتتى. ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار تاللاپ ئەۋەتكەن كادىرلار كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، كەنتتە تۇرۇپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا، بىرىنچى سەپكە بېرىپ خىزمەت قىلىشقا بەس- بەستە تىزىملاتتى.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇل سېلىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش چارىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلدى. 2014- يىلى 2- ئايدىن باشلاپ، يىلدا ئورگان كادىرلىرى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىنىپ، «بارلىق كەنت، مەھەللىلەرگە ئومۇميۈزلۈك خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىش، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگان كادىرلىرى ئومۇميۈزلۈك كەنتتە بىر يىل تۇرۇپ خىزمەت قىلىش، مەركەزنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپە، تەلەپلىرىنى ئاساسىي قاتلامدا ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش»كە كاپالەتلىك قىلىندى. تۆت يىلدىن بۇيان، تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى جەمئىي 43 مىڭ 852گە، كادىر 275 مىڭ 828 ئادەم (قېتىم)گە يەتتى.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ سەمىمىي ھىمايىسىگە ئېرىشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، %97 كەنت ئاھالىسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن كېيىن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن ئىبارەت ئىككى بەنزىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى كۈچەيدى، دەپ قارىدى، %96 كەنت ئاھالىسى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى، دەپ قارىدى.

  يېزا- بازارلىق پونكىتلاردىكى 2084 كادىر، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 411 ئەزاسى كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچى باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەشكە تاللاپ ئەۋەتىلىپ، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى؛ كادىرلار كەنتنى ھۆددە ئېلىپ، ئائىلە بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئائىلىنى ھۆددىگە ئېلىش، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر بىر ئورگان كادىرىنىڭ يېزىدا تۇغقىنى بار بولدى، تۇغقانلار ئۆزئارا دائىم يوقلىشىپ، ئۆزئارا باردى- كەلدى قىلىشىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈچەيتىلدى.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان مۇكەممەل ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى سىستېمىسىنى قۇرغان ۋە ئۇنى كۈچەيتكەندىلا، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن پۇقرالارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەر بىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا جەۋلان قىلدۇرغاندىلا، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەتجان ياسىن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ