تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور مەدەت   ›   خەۋەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاق، ئىناق يۇرت–ماكان قۇرۇپ چىقىمىز

ئىلگىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوقلىشى ۋە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ھەر مىللەتتىن بولغان بىرقانچە ئامما باش شۇجى ئەۋەتكەن جاۋاب خەتنى قىزغىن مۇنازىرە قىلدى

 ئىلاۋە:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 1–ئاينىڭ 11–كۈنى قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان قۇربانغا يازغان جاۋاب خەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئىلگىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوقلىشى ۋە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان بىرقانچە ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار چوڭقۇر ھاياجان بىلەن بايان قىلغان باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشكەن چاغدىكى ھاياجانلىق ھېسلىرى ۋە ئىلھاملىرىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يازغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان چاغدىكى تەسىراتى ۋە ھاياجېنىنى ھېس قىلدى.

 ئۇلار بەس–بەستە: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇق، شۇنداقلا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىلھام، مەدەت. بىز پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىتتىپاق، ئىناق،گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرۇپ چىقىمىز، دېيىشتى.

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ئاھالىلەر مۇنداق دېدى:

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىيدىغان ياخشى دېھقانلاردىن بولىمىز

  جۇ مىڭجۈن

 قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتى 1–ئاينىڭ 14–كۈنى قۇياش نۇرىغا چۆمگەن بولۇپ، رەت–رەت سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېسىلغان قىپقىزىل پانۇسلار بېيىغان دېھقانلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014–يىل 4–ئاينىڭ 28–كۈنى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋە كەنتتىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەنىدى. كەنتتىكىلەر بۇ ئىشنى تىلغا ئالسىلا پەخىرلىنىش ۋە شەرەپ تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ.

1–ئاينىڭ 14–كۈنى ئەتىگەندە، كەنت ئاھالىلىرى ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئۇنىڭ پاكىز، رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان مېھمانخانىسى قولۇم–قوشنىلار بىلەن تولغانىدى. ئابدۇقېيۇم روزى تېلېۋىزوردىن 1–ئاينىڭ 13–كۈنى كەچتە كۆرسىتىلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يازغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى قايتىلاپ قويدى.

ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ دادىسى روزى مەمەت مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ قىزىغا جاۋاب خەت يازغانلىقى بىزنى بەك تەسىرلەندۈردى، بۇ ماڭا 2014–يىل 4–ئاينىڭ 28–كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆيىمىزگە كېلىپ، كەنتتىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەن چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەتتى. باش شۇجى بەك چىقىشقاق ئىكەن، ئۇ بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تىرىشچان ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ، بىرلىكتە گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرغانىدى.

ئابدۇقېيۇم روزى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەنتتىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەن چاغدا چۈشكەن سۈرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ ئىشلىسەكلا كۈنلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولىدىغانلىقى، يۇرتىمىزنىڭ تېخىمۇ روناق تاپىدىغانلىقى، شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ ئالىي مۇخبىرى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى:

پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ياخشى مۇخبىر بولىمەن

  رەناگۈل، گەي يوۋجۈن

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يازغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تېلېۋىزوردىن كۆرۈپ، ناھايىتى ھاياجانلاندىم. باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىگە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە بولغان ياخشى تىلىكى مۇجەسسەملەنگەن،–دېدى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئالىي مۇخبىرى، ‹‹ئابدۇشۈكۈر مۇخبىرلىق ئىشخانىسى››نىڭ مەسئۇلى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم.

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم 25 يىل مۇخبىرلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نۇرغۇن چوڭ–چوڭ خەۋەر قىلىش پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ ۋە ئۆزى بىۋاسىتە مۇخبىرلىق قىلىپ، نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى يازغان، ئۇ يازغان ئەسەرلەر كۆپ قېتىم شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتى بويىچە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2016–يىل 11–ئاينىڭ 7–كۈنى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم 14–نۆۋەتلىك چاڭجياڭ–تاۋفېن مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 9–نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ 1–يىغىنىغا قاتناشتى ۋە يىغىن ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاخباراتچىلاردىن كۈتىدىغان تۆت تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىيدا مۇستەھكەم ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، دەۋرنى يېتەكلەيدىغان ئاخباراتچىلاردىن بولۇش كېرەك. ئۈچىنچى، توغرا ئاخبارات مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن ئاخباراتچىلاردىن بولۇش كېرەك. تۆتىنچى، توغرا خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ، خەلققە رىشتە باغلاپ، خەلقنى مەدھىيەلەپ، خىزمەتنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئىستىلدا ئەلا ئاخباراتچىلاردىن بولۇش كېرەك. بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ئاخباراتچىلاردىن بولۇش كېرەك.

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇخبىرلىق ھاياتىمدا باش شۇجىنىڭ تۆت تۈرلۈك ئۈمىدىنى چوقۇم ئەستىن چىقارماي، ئۇنى ئەڭ ياخشى كۆرسەتمە دەپ بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك قوراللىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن ھەم پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ياخشى مۇخبىر بولىمەن.

داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك مۇنداق دېدى:

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ ساقلايمىز

 شيا چىڭ،  پاڭبو

لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك 1–ئاينىڭ 15–كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ قىزى توختىخانغا جاۋاب خەت يازغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال كەنت كادىرلىرى ۋە بىر قىسىم ئاھالىسىنى يىغىپ، ئۇلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

ساۋۇر مەڭلىك ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ قىزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يېزىلىپلا قالماي، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يېزىلغان خەت. داشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسى قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش روھىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتەك ئىدىيەسىدىن ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاپ، كەنتتىكىلەرنىڭ باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشىشىگە باشلامچىلىق قىلىمەن.

كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن قادىر مۇنداق دېدى: بىز جاۋاب خەتتىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. بىز قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش روھى ۋە ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرۇپ چىقىمىز.

ساۋۇر مەڭلىك چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ قىزى توختىخانغا جاۋاب خەت يېزىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى، بۇ جاۋاب خەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرماقتا.

كۇچالىق كەشتىچى ئاچا–سىڭىللار مۇنداق دېدى:

يۇرتداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمىز

  شيا چىڭ

كۇچا ‹‹خېڭياۋ›› تىككۈچىلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۇزۇن بازىرى 2–ئۇچقارا كەنتىدىن تېخنىكا ئۆگەنگىلى كەلگەن خانئايشەم ئەنۋەر ۋە سىڭلىسى مېھرىگۈل ئەنۋەر يېقىن ئۆتىدىغان قىزلار بىلەن بىللە 1–ئاينىڭ 14–كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ قىزى توختىخانغا يازغان جاۋاب خەتنىڭ روھىنى ئۆگەندى.

خانئايشەم ئەنۋەر مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ قىزى توختىخانغا جاۋاب خەت يازغانلىقى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئەسلىگەنلىكىدىن تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق. مەن چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ،كۈنلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلايمەن.

2015–يىل 9–ئاينىڭ 20–كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان ‹‹ۋەتەن قوينىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى››دە، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىمىز›› دېگەن تېمىدىكى كەشتە ئەسىرى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. بۇ ئەسەر 1980–يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئاچا–سىڭىل خانئايشەم ئەنۋەر ۋە مېھرىگۈل ئەنۋەرنىڭ قولىدا پۈتكەنىدى.

2015–يىلى دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ئىككى ئاچا–سىڭىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي قاتلامدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى 13 ئىلغار ۋەكىلنى بېيجىڭغا دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان ھەم ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۇلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەنىدى.

پۇرسەت بولسا بېيجىڭغا بېرىپ باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىشنى، باش شۇجىغا يۇرتىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلىشنى يەنە ئارزۇ قىلىمەن، دېدى خانئايشەم ئەنۋەر خۇشال ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ