ۋەكىل خاسىيەت ئەلى
(ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى)
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ بىز بىلەن بىللە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىققانلىقىدىن ناھايىتى ھاياجانلاندۇق. قاراپ چىقىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مەن خاتىرەمنى قايتا – قايتا ۋاراقلاپ، باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىققان ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنى ئەسلىدىم، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ھەم قەتئىي سۆزلىرىنى ئەسلىگىنىمدە، قەلبىم ھاياجانغا چۆمىدۇ.
باش شۇجى سۆز قىلغاندا مەن ئىزچىل ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇپ، ھەر بىر جۈملىنى دېگۈدەك خاتىرىلەپ مېڭىشقا تىرىشتىم. خاتىرىنى خەنزۇچە يازدىم، ئۈلگۈرەلمىگەنلىرىمنى ئۇيغۇرچە يازدىم، قانداق تېز بولسا شۇنداق خاتىرىلىدىم، باش شۇجىنىڭ ھەر بىر جۈملە سۆزىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خاتىرىلىۋېلىشنىلا ئويلىغانىدىم. كېيىنكى ۋاقىتلاردا دائىم ۋاراقلاپ كۆرۈپ ئۆگىنىپ تۇرۇش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى توپتوغرا توققۇز بەت خاتىرىلىدىم.
باش شۇجىنىڭ سۆزىدىن ھەم سەمىمىي غەمخورلۇقنى ھەم ئۈمىدنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن، مەن چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنى ‹‹يېرىم دۇنيا››لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەيمەن.
ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە ئاياللار باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى يەنە ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ بازىغا تايىنىپ، ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بويىچە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەيمىز.
بىز باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاياللارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز. ئاپتونوم رايونىمىز ئاياللارغا قارىتىلغان تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، كىيىم – كېچەك تىككۈچىلىك ماھارەت مۇسابىقىسى، ئائىلە ئىشلىرى ماھارىتى مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن سۇپا ھازىرلاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇچقۇن قۇرۇلۇشى، ئاياللارنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى كېڭەيتىش تۈرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە مىللىي كىيىم – كېچەك، گىلەم، كەشتىچىلىك قاتارلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى قوللاپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلە ئاياللىرىنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، كۆزقاراشنى ئۆزگەرتىش، ئۆيدىن چىقىپ زاۋۇتلارغا كىرىپ ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى كۆپەيتىش، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەيمىز.
(لى چۈنشيا رەتلىگەن)