تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   قىزغىن مۇزاكىرە

مۇقىملىقتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭ تارتىش كېرەك

 ۋەكىل شى جيەنيۇڭ

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى)

 باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش، تېز ھەم ياخشى تۇتۇشنى مەۋقە قىلىپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى بەرپا قىلىپ، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن باش شۇجىنىڭ سۆزىنىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجىنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى ئالغاچ كېتىپ، گۈزەل يۇرت – ماكان بەرپا قىلىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مۇقىملىقتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭ تارتىپ، مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىمەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئالتىنى چىڭ تۇتۇش››، ‹‹بەشنى باشقۇرۇش››، ‹‹تۆتتە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››، ‹‹ئۈچتە قەتئىي بولۇش›› بىرىكمە مۇشتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ تۈرلۈك بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق سۇيىقەستىنى قەتئىي تارمار قىلىمىز. قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش، كەسكىن زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹قالدۇق كۈچلەرنى قېزىپ چىقىش، يېتىم قالدۇرۇش، تەلتۆكۈس يوقىتىش›› مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە، يېزا، كەنتلەر بويىچە تورلاشتۇرۇپ تېگى – تەكتىنى ئېنىقلاپ، زوراۋان – تېررورچىلار ۋە زوراۋان – تېررورچىلار شايكىسىغا دەل جايىدا ھەم ئەجەللىك زەربە بېرىپ، يۇقىرى بېسىملىق چۆچۈتۈش ۋەزىيىتىنى ساقلايمىز.

 ئامما ئالدىنى ئېلىش – تۈزەش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلقنىڭ ماس ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپا باشلىقى، ئون ئائىلە باشلىقى ۋە شەھەر – بازار، مەھەللىلەردىكى بىنا، كورپۇس باشلىقىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا، ئاسماندا تور،يەردە قاپقان ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىمىز.

 بىز يەنە 2965 كادىرنى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنى ‹‹يۇلتۇز دەرىجىلەشتۈرۈپ›› باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىدىن 10 مىڭنى، كەنت دەرىجىلىك زاپاس كادىردىن 1000نى، مۇنەۋۋەر كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىدىن 100نى›› تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.

 ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدە بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى 67 مىڭ كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، ھەر مىللەت ئامما كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل شەكىللىك ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا مېھىر – مۇھەببىتىنى كۈچەيتتى.

 باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە زور قوللىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

(شى شىن رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى