تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام، ياخشى ئىستىل بىلەن تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنىدا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام، ياخشى ئىستىل بىلەن تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مۇقىملىقنى قوغداش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى. يىغىندا: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ‹‹ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجىنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ، ئىستىلنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي يىغىنى روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام، ياخشى ئىستىل بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچىلار قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

 چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيەسىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ چىقارغان ھۆكۈمى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت سەگەك ۋە يۈكسەك سەزگۈر بولۇپ، دائىم ھوشيار تۇرۇشى لازىم. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇشى كېرەك، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش›› ھالىتى تېخى تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لەر بىلەن بولغان كۈرىشى ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر كۈرەش بولۇپ، بەزىدە ھەتتا ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى دۇچ كەلگەن خىرىس يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر. شىنجاڭدىكى كادىرلار ئىستىلدا ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولۇشى لازىم، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئۇزاقتىن بۇيان چېگرادا يىلتىز تارتىپ، چېگرانى مۇقىملاشتۇرۇپ، چېگرانى تەرەققىي قىلدۇردى، ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى ۋە ئومۇمىي ئىستىلى ياخشى، لېكىن ئايرىم جايلارنىڭ ۋە بەزى كادىرلارنىڭ ئومۇمىي باش نىشانغا بولغان تونۇشى ئەمەلىيلەشمىگەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يېتەرلىك ئەمەس، ئىدىيەدە بىخۇدلۇق قىلىۋاتىدۇ، ئىستىلى تۇراقسىز، تەدبىرى يوق، بوشاڭ، كۈرەشتىن بىزار، ئىستىلى قوپال، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئىستىلنىڭ دۇرۇس بولماسلىقى بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ دۈشمىنىمىز، بۇ چوقۇم يۈكسەك دىققەتنى قوزغىشى، ئۇنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ قاتتىق ئىنتىزام، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك ئىستىل بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم.

 چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى بويىچە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ 2 – قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليۇرۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنىپ، ئۇنى ھەقىقىي قوللىنىپ، ھەقىقىي ئىجرا قىلىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش لازىم. باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولغان تونۇشنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى ھەقىقىي يېتەكچى، باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىش كېرەك. باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرىكىتىدە زېھنىمىزنى ھەقىقىي مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتتە باش نىشاننى چۆرىدەش، باش نىشانغا بويسۇنۇش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش، پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش نىشاننى تېخىمۇ قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچى، مۇھىم ھالقىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش لازىم. قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش، تۈزەشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھەيۋە كۆرسىتىش ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ ساقلاپ، قالدۇق كۈچلەرنى قېزىپ چىقىپ، ئۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، قەتئىي زەربە بېرىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش كېرەك؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ دىن خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ھەقىقىي تەربىيەلەپ، قوغداپ ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن قىلىدىغان جامائەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ ۋە كۈچەيتىپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى كۈچلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت›› بەنزىسىنى ياخشى تاللاپ ۋە كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئەلرايىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مايىل قىلىش كېرەك؛ ئىدېئولوگىيەنى چىڭ تۇتۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك ھوقۇقى ئېڭى، بازا ئېڭى، تۆۋەن چەك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، مۇھىم نۇقتىنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. جەمئىيەتنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇپ، تورلاشقان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، دائىرە سىرتىدىكى رايون، خەتەرلىك رايون، بوش رايون بولماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، چېگرانى ياخشى باشقۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ تورنى ياخشى باشقۇرۇپ، تورنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك؛ مۇھىم نۇقتىلارنى ياخشى باشقۇرۇپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق جاي، نۇقتىلىق كىشىلەر، نۇقتىلىق ئامىل قاتارلىقلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ھەقىقىي تۈردە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى ھەممىنى تولۇق قاپلىشى، پارتىيە تەشكىلاتىنى جەمئىيەت باشقۇرۇشنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىگىچە قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەت ھەممىنى تولۇق قاپلىشى كېرەك، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاممىنى سەپەرۋەرلىك قىلىپ، ئاممىغا تايىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىپ، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ، مۇستەھكەم پولات قورغان بەرپا قىلىش كېرەك. ئىستىل ئۆزگەرتىشنى چىڭ تۇتۇشنى ئومۇميۈزلۈك تولۇق قاپلاش كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ‹‹ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجىنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش بىلەن قوللىنىشنى، بايقاش بىلەن بىرتەرەپ قىلىشنى، تىپلارنى تۇتۇش بىلەن تۈزۈم ئورنىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ناچار ئىستىللارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتچىلىق، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىش ئىستىلى ۋە قۇرۇق گەپ سېتىش، ئەمەلىي ئىش قىلماسلىق خاھىشى، قىلىدىغاننى قىلماسلىق خاھىشى، لەيلەپ يۈرۈش خاھىشى، ئىككى يۈزلىمىچىلىك خاھىشىنى قاتتىق تەرتىپكە سېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار ئىستىلىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. بىرىنچى، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت، تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى بەنزىلىرى زېھنىنى ۋە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس خىزمەتكە مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ، دادىل تۇتۇپ، دادىل باشقۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تارماقلار، ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئۆزىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئورنىنى ياخشى ساقلاپ، ئادەملىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشى كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنى مەدھىيەلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتچانلىق روھى، تۆھپىكارلىق روھى، پىداكارلىق روھى بىلەن بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، داغدام يول ئېچىپ، خەتەرگە قارشى دادىل ئاتلىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى باشلامچى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلاردا تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاشكارا تەكشۈرۈشنى يوشۇرۇن تەكشۈرۈشكە، ئىشتىن كېيىن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشتىن بۇرۇن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئۆزگەرتىپ، تۈرلۈك خەۋپنى بىخ ھالىتىدىلا ھەقىقىي تۈگىتىشى كېرەك. تونۇشى يېتەرلىك بولماسلىق، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، خىزمەتتە بىپەرۋالىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، خىزمەتكە ئېتىبارسىز قاراپ مۇقىملىق جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلسە، مەيلى قايسى دەرىجىدىكى كادىر بولسۇن، ئىلگىرى خىزمەتنى قانداق ئىشلىگەن بولسۇن، كىمگە چېتىلسۇن، ھەممىسىنى قانۇن – ئىنتىزام بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، يۆنىلىشنى توغرا تۇرغۇزۇش كېرەك. ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار قوشۇنى ئارىسىدا ‹‹سەمىمىي ئادەم بولۇش، سەمىمىي سۆز قىلىش، سەمىمىي ئىش قىلىش›› يۆنىلىشى تۇرغۇزۇپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ئەستايىدىل، جاپاغا چىداپ ئىشلەشتەك خىزمەت ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىش قىلغۇسى بارلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش، ئىش قىلالايدىغانلارغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىش، ئەمەلىي ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلارغا ئورۇن ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. ئىشلەشنى خالىمايدىغان، ئىش قىلمايدىغان كادىرلارنىڭ ئورنىنى بوشىتىپ، ئادەم ئىشلىتىشتە ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان يۆنىلىشنى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى – تۆۋەن تونۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھازىرقى مۇقىملىق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ۋە ئىگىلىشى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، باشتىن – ئاخىر ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش، دائىم ھوشيار تۇرۇش، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، دائىم تەييار تۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر تېخىمۇ سەگەك بولۇپ، تونۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پوزىتسىيەدە تېخىمۇ قەتئىي بولۇپ، ئىنكاستا تېخىمۇ سەزگۈر، خىزمەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى؛ قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش، تۈزەشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھەيۋە كۆرسىتىش ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ ساقلاپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنى 1 – قول رەھبەر قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، قانۇن بىلەن ئوينىشىدىغان، تەۋەككۈل قىلىشقا پېتىنىدىغان زوراۋان – تېررورچىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەربە بېرىپ، دۈشمەنگە ئالدىن قول سېلىپ، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىش، يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش كېرەك؛ ھازىرقى مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، خىزمەتكە ئېتىبارسىز قارىغان، تەدبىرنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، مۇقىملىق جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلگەن كادىرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كەڭچىلىك قىلماي، قاتتىق جازالاپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىغا قەتئىي خاتىمە بېرىپ، ساۋاقنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى، شىنجاڭ ج خ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ رەھبەرلىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۆلۈم، كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالىي، كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە يېزا، بازارلار، كوچا باشقارمىلىرىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، كەنتتە تۇرۇشلۇق ھەر دەرىجىلىك ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش››خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقلىرى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىرى، كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىرى جايلاردىكى تارماق يىغىن مەيدانلىرىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى