تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى خىزمەت ئورنى مەسئۇلىيىتىگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى توغرىسىدىكى قارارىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتنىشىپ سۆزلەرنى ئاڭلىدى ۋە سۆز قىلدى

سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنى بىر كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى نىشان، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى باش تېما قىلىپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيە تەلىپىنى چۆرىدەپ، زېھنىنى سىياسىيدا، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا، ئەخلاقتا، رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا لاياقەتلىك بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان›› ۋە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى››غا نۇقتىلىق سېلىشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز – ئۆزىنى تەكشۈرۈش، پارتىيەۋىلىكىنى تەھلىل قىلىش، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدنى قەتئىي قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيەۋى مەنبەنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تۈزىتىش يۆنىلىشى ۋە نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتنىشىپ، سۆزلەرنى ئاڭلىدى ۋە سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

 يىغىندا 2015 – يىلىدىكى بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

 سۈن جىنلۇڭ يىغىندا بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدلەشنى قانات يايدۇردى. دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ ئۆزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، ئۆزئارا تەنقىد قىلىشتى.

 چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە تىكلەپ، نىشان بەلگىلەپ بەردى. بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىردەكلىشىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، چىڭ تۇتۇپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.

1. سىياسىيدا سادىق بولۇش كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەگە چوقۇم قەتئىي سادىق بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك.

2. نىشان توغرا بولۇش كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىشىپ، ئىدىيە، تونۇش، قەدەم، ھەرىكەتنى باش نىشان ئارقىلىق ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگە رايونلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

3.ئۆگىنىشتە ئاڭلىق بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت باشقۇرۇش يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى، بىڭتۈەننى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۈەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇش كېرەك.

4.ئىسلاھاتتا مەسئۇل بولۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى قىلچە تەۋرەنمەي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

5.ئىستىلدا ئەمەلىي بولۇش كېرەك. راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي، ئىنچىكە، چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىستىلنى، مۇقىملىقنى ساقلاپ چېگرانى قوغداشتىكى مەسئۇلىيەت – بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشتا، بىڭتۈەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، بىڭتۈەننى جەنۇبقا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، بىڭتۈەننىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

6.خەلققە تېخىمۇ يېقىنلىشىش كېرەك. كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىش، مەن كىم قارىشىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسىلىلەرنى ئويلاش، قارار چىقىرىش، ئىش بېجىرىشتە باشتىن – ئاخىر ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنى خوجايىن، دەپ بىلىش، تۇغقاندەك كۆرۈش كېرەك.

7. ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. بەنزىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، چېگرانى ئورتاق قوغداش، ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىدىغان، مەدەنىيەتتە بىرلەشكەن، ئورتاق گۈللىنىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

8. پاك بولۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر پاك – دىيانەتلىك بولۇپ، ھوقۇقنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

 سۈن جىنلۇڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق دېدى: بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى ‹‹تۆت ئاڭ››نى باشلامچىلىق بىلەن مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداشتا ئۈلگە بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە بىڭتۈەن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى قىلچە تەۋرەنمەي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى باشلامچىلىق بىلەن چىڭىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سوبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام، قائىدىلەرگە قەتئىي رىئايە قىلىپ، توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلدا دۇرۇس، كەيپىياتتا توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشى؛ نازارەتچىلىكنى باشلامچى بولۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە پاك – دىيانەتلىك بولۇشتا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كۈچەيتىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىپ، ئەخلاقىي تەربىيەنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈشى؛ ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىي ئىشلەشنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەن خىزمىتىنى ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىشكە قويۇپ ئىگىلەپ، پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك مەسئۇل بولۇش روھى ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى بىلەن مەركەزنىڭ بىڭتۈەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرما – تەلىپىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى؛ دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئۈلگە بولۇپ، دېموكراتىيەنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، كوللېكتىپ رەھبەرلىك تۈزۈمىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەرتىپ، پىرىنسىپ بويىچە ئىش بېجىرىپ، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدلەشكە جۈرئەتلىك بولۇپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ – يىغىنچاقلاپ، تۈزەش تىزىملىكىنى تۈزۈپ، تۈزەش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى