تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتايلى

چېن چۈەنگو قوشماقلاشقان تۇغقىنى توختىخاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتايلى

21-يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو توختىخان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى قايتىدىن ئوقۇماقتا.

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قوشماقلاشقان تۇغقىنى توختىخاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ياد ئەتتى. 1 – ئاينىڭ 21 – كۈنى چېن چۈەنگو ۋاقىت چىقىرىپ، خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبەبازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىگە قايتا كېلىپ، تۇغقىنى توختىخاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋە يۇرتداشلارغا ئەۋەتكەن سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى.

 ‹‹چېن بوۋا، ياخشىمۇسىز! سىزنى قارشى ئالىمىز!››، توختىخاننىڭ 11 ياشلىق قىز ئەۋرىسى رەيھانگۈل چېن چۈەنگونى كۆرۈپلا، ئۆزىنى ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى. چېن چۈەنگو مېھرىبانلىق بىلەن رەيھانگۈلنى يېتىلەپ ئۆيگە كىردى. قەھرىتان قىش مەزگىلى بولغاچقا، چېن چۈەنگو ئالايىتەن ئالدىن تېلېفون بېرىپ، توختىخان ئائىلىسىدىكىلەرگە 90 ياشقا يېقىنلاپ قالغان توختىخاننىڭ دەرۋازىغا چىقىپ ئۆزىنى كۈتۈۋالماسلىقىنى قايتا – قايتا جېكىلىدى.

 يېڭى يىل كىرىشى بىلەن توختىخاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە پۈتۈن كەنتتىكىلەر چوڭ خۇشاللىقنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ توختىخانغا جاۋاب خەت ئەۋەتكەنىدى. چوڭ خۇشاللىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان توختىخان چېن چۈەنگونى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا: ‹‹باش شۇجىنىڭ ماڭا جاۋاب خەت ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى كۆرۈپ، سالامەتلىكىم تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، تېتىكلىشىپ قالدىم. سىزنى كۆرمىگىلى ئىككى ئايدىن ئاشقاچقا، سىزنىمۇ بەك سېغىندىم››، دېدى.

 ‹‹چاغان كېلىۋاتىدۇ، ھەرقانچە ئالدىراش بولساممۇ سىزنى يوقلاپ كەلمىسەم بولامدۇ››. چېن چۈەنگو توختىخاننى يۆلەپ ئۆيگە كىرگەچ ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى. چېن چۈەنگو توختىخاننىڭ سالامەتلىكىنىڭ يېقىندىن بۇيان ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، بەك خۇش بولدى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، توختىخان ئائىلىسىدىكىلەر چەكسىز ھۆرمىتى ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىلغان جاۋاب خەتنى رامكىغا ئېلىپ، مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمىغا ئېسىپ، كۈندە كۆرۈپ، بىرنەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقىدىغان بولدى. مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمىغا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تاغا بىلەن كۆرۈشكەن سۈرىتى ئېسىلغانىدى. شىرەگە ناۋات، قۇرۇق يەل – يېمىش، قېتىق، ساڭزا قاتارلىق نېمەتلەر تىزىلغان بولۇپ، يېڭىدىن سېتىۋالغان ھاۋا تەڭشىگۈچتىن ئىسسىق شامال چىقىپ تۇراتتى.

 چېن چۈەنگو: ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئالدىراش ئەھۋالدىمۇ توختىخان ئانىغا جاۋاب خەت يازغانلىقى باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى باشتىن – ئاخىر ياد ئېتىپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ قۇربان تاغىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىد››، دېدى. چېن چۈەنگونىڭ تەكلىپى بىلەن رەيھانگۈل بىلەن رۇقىيەم باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئوقۇپ بەردى. چېن چۈەنگو بىلەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى قايتىدىن ئوقۇپ، بەخت ۋە ئىللىقلىقنى ئورتاق ھېس قىلدى.

 توختىخان خەتنى ئوقۇپ ھاياجىنىنى باسالماي كۆزىگە ياش ئېلىپ: ‹‹ ھەر قېتىم باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى كۆرسەم، باش شۇجىنىڭ ئۆزىنى كۆرگەندەك بەك خۇشال بولۇپ كېتىمەن. ناۋادا باش شۇجى بىلەن كۆرۈشۈپ قالسىڭىز، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ باش شۇجىغا بولغان ھۆرمىتىمىز بىلەن تىلەكلىرىمىزنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ ››، دېدى. چېن چۈەنگو بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى باش شۇجىغا چوقۇم يەتكۈزۈپ قويۇشقا ماقۇل بولدى.

 توختىخان چېن چۈەنگوغا تۈنۈگۈنلا ئۆزىنىڭ كەنتتىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ‹‹قۇربان تاغىنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى›› ناملىق فىلىمنى كۆرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپ: ‹‹ئاتامغا ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ بەختلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىمنى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە كۈنلىرىمىزنىڭ كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى دېگۈم كېلىدۇ››، دېدى.

 چېن چۈەنگومۇ توختىخانغا بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ: ئاپتونوم رايون قۇربان تاغىنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى قايتىدىن قېزىپ رەتلەپ، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەپ، قۇربان تاغىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشتەك شەرەپلىك ئىش – پائالىيەتلىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا يەتكۈزۈپ، شىنجاڭدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارقاتماقچى، دېدى.

 ‹‹ئېھ! رەئىس ماۋ زېدۇڭ، سىزنى كېچە – كۈندۈز سېغىنىمىز...›› ئاتىسى قۇربان تۇلۇم تىلغا ئېلىنغاندا، توختىخان ئىختىيارسىز ھالدا ئاتىسى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ‹‹رەئىس ماۋ زېدۇڭنى كېچە – كۈندۈز سېغىنىمىز››، دېگەن ئۇيغۇر خەلق ناخشىسىنى ئېيتتى. چېن چۈەنگو بۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە توختىخاننىڭ ناخشىسىغا جور بولۇپ چاۋاك چالدى. لەرزان ئاھاڭ، ئاددىي تېكىست، سەمىمىي ھېسسىيات قۇربان تاغىنىڭ پارتىيەگە، ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.

 چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توختىخانغا يازغان جاۋاب خېتى قۇربان تۇلۇم ئائىلىسىدىكىلەر ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئەستە تۇتۇشقا ئەرزىيدىغان شەرەپلىك ئىش، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا بېرىلگەن غايەت زور ئىلھام. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ياخشى ئىتتىپاقلىشىپ، ياخشى خىزمەت قىلىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

 ئايرىلىش ئالدىدا چېن چۈەنگو يەنە رەيھانگۈلگە كومپيۇتېر ۋە چاغانلىق پۇل بېرىپ، ئۇنى ياخشى ئۆگىنىپ، ساغلام چوڭ بولۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىسى ۋە ئىزباسارى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

 ئۇرۇق – تۇغقانلار كۆرۈشكەندە ۋاقىت بەك تېز ئۆتۈپ كېتىدىكەن. توختىخان ئائىلىسىدىكىلەر چېن چۈەنگونى دەرۋازىغىچە ئۇزۇتۇپ چىقىپ، ئايرىلىشقا كۆزى قىيىمىغان ھالدا خوشلاشتى. چېن چۈەنگو توختىخان بىلەن كېلىشىپ، ئەتىيازدا گۈللەر ئېچىلغاندا، ئۇنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى