تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

قەرز ئالغۇچى ئۆلۈپ كەتسە، قەرزنى كىم تۆلەيدۇ؟

[دېلو مىسالى]  2005 – يىل 4 – ئاينىڭ 4 – كۈنى دەيX مەلۇم ئامانەت – قەرز كوپىراتىپىدىن 20 مىڭ يۈەن قەرز ئالغان، ۋۇ X قاتارلىق بەش ئادەم بۇنىڭ ئۈچۈن كېپىللىك بەرگەن. دەي X كېيىن قەرزنى قايتۇرمىغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئامانەت – قەرز كوپىراتىپى دەي X بىلەن بەش كېپىل ئۈستىدىن ئۈرۈمچى ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. سوت مەھكىمىسى دەي Xنى قەرز ھەم ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشقا، بەش نەپەر كېپىلنى چاتما مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇغان.

 ئۇزاق ئۆتمەي دەي X ئۆلۈپ كەتكەن، ئىككى ئوغلى دادىسىنىڭ مال – مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قەرزنى قايتۇرمىغان.

 2016 – يىلى 7 – ئايدا بانكا ۋۇ Xنىڭ بانكا كارتىسىدىن 36 مىڭ يۈەن تۇتۇۋېلىپ، دەي X نىڭ قەرزى ھەم ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشقا ئىشلەتكەن. ۋۇ X دەي Xنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە قالغان تۆت كېپىلدىن قەرز ۋە ئۆسۈمنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇلار قوشۇلمىغان. ۋۇ X بۇ يىل 2 – ئايدا يۇقىرىقى ئالتەيلەن ئۈستىدىن مىچۈەن – كۆكتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان، ئۇلاردىن تۆلەپ تۇرغان قەرز پۇل ۋە ئۆسۈمىنى تۆلىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

 قالغان تۆت كېپىل: بۇ قەرزلەرنى قەرز ئالغۇچىنىڭ ۋارىسى قايتۇرۇشى كېرەك، دەپ قارىغان. دەي Xنىڭ ئوغۇللىرى: قەرز ئالغان 20 مىڭ يۈەننى قايتۇرساقمۇ، ئۆسۈمنى ئۈستىگە ئالماسلىقىمىز كېرەك، دەپ قارىغان.

[قانۇن چۈشەندۈرۈشى] مىچۈەن – كۆكتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى يېسىمقان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنى››دا، ‹‹مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشتا مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تۆلەشكە تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزى تۆلىنىشى كېرەك. بۇ باج ۋە قەرزنى تۆلەشتە ئۇنىڭ ئەمەلىي قىممىتى چەك قىلىنىدۇ›› دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپىللىك قانۇنى››دا، ‹‹كېپىللىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان كېپىل قەرزنى قەرزداردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق›› دەپ بەلگىلەنگەن.

 يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ۋۇ X خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجراسى ئارقىلىق دەي Xنىڭ ۋارىسلىرىدىن تۆلىگەن قەرز ۋە ئۆسۈمنى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. سوت مەھكىمىسى ۋۇ Xنىڭ دەي Xنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئۆزى تۆلەپ قويغان قەرز ۋە ئۆسۈمنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئەرز تەلىپىنى قوللايدۇ.

 ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپىللىك قانۇنى>نى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى››دا، ‹‹چاتما ئورتاق كاپالەت بەرگۈچىلەر كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، قەرزداردىن تۆلىتەلمىگەن قەرزنى چاتما كاپالەت بەرگۈچىلەر ئىچكى قىسىمدا پۈتۈشكەن نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ. پۈتۈشمىگەن بولسا، تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ››.

 سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ ھۆكۈم چىقارغان: دەي Xنىڭ ئىككى ئوغلى ۋۇ Xكە تۆلەپ تۇرغان 36 مىڭ يۈەننى بەرسۇن، تۆت كېپىلنىڭ ھەر بىرى تۆلەپ تۇرغان پۇلنىڭ قايتۇرۇپ ئالالمىغان قىسمىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى %25 نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالسۇن.

ياڭ شۇخەن

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ