تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

بانكا كارتىسى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگەندە كارتا ئىگىسى ئالاقىدار ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالالمىسا، سەۋەنلىك كىمدە بولىدۇ؟

 دېلو مىسالى: ليۇ X 2016 – يىل 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم بانكىدا بانكا كارتىسى ۋە بانكا ھېساباتىنى يان تېلېفونغا چېتىۋېلىشقا ئالاقىدار رەسمىيەتلەر بېجىرگەن. شۇ كۈنى بانكا ليۇ X نىڭ يان تېلېفونىغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، بانكا ھېساباتىغا چېتىلغان يان تېلېفون نومۇرى ۋە كارتىدىكى ئېشىنچا پۇلنى جەزملەشتۈرگەن. كېيىنكى كۈنلەردە ليۇ X بانكىدىن پۇل ئالغاندا كارتىسىدىكى 17 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئامانەت پۇلىدىن 50 يۈەنلا قالغانلىقىنى بىلىپ، چۆچۈپ كەتكەن. ئۇ بانكىدىن سۈرۈشتۈرگەندە، بانكىدىكىلەر بۇ كارتا ئارقىلىق 2016 – يىل 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 18 – كۈنىگىچە سەككىز قېتىم پۇل چىقىم قىلىنغانلىقىنى، بانكىنىڭ ھەر قېتىمدا ليۇ Xنىڭ يان تېلېفونىغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

 ليۇ X بانكىدىن قىسقا ئۇچۇر كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقاندا، بانكا خادىمى چۈشەندۈرۈپ، قىسقا ئۇچۇرنىڭ قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن يامان غەرەزدە توسۇۋېلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ، ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىش تەكلىپى بەرگەن. ليۇ X بولسا بۇ ئىشقا بانكا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، دەپ قاراپ، بانكا ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغان.

 قانۇن ئىزاھاتى: ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ دېلوغا مەسئۇل سوتچىسى ۋاڭ جىنگو مۇنداق دېدى: ليۇ X بانكا بىلەن ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەندە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قانۇنلۇق پۇل ئامانەت قويۇش توختام مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن، شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپ ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش شەكلى ۋە تەرتىپى ئۈستىدە ئېنىق كېلىشكەن. بانكا باشقۇرۇش ياكى تېخنىكا ئىشلىرىدا يوچۇق كۆرۈلۈپ، سەۋەنلىك سادىر قىلغاندا ئاندىن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بانكا ليۇ Xنىڭ كارتىسىدىن پۇل چىقىم قىلىنغاندا، تەرتىپ بويىچە ئۇنىڭ يان تېلېفونىغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، خەۋەرلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان. بانكا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتكەن كارتىدىن پۇل چىقىم قىلىنغاندا كىرگۈزىدىغان نومۇر بىرلا بولىدۇ، بۇ نومۇر ئاپپاراتقا كىرگۈزۈلسە، ئاندىن پۇل چىقىم قىلغىلى بولىدۇ. ليۇ X سەككىز قېتىم چىقىم قىلىنغان پۇلنى ئۆزىنىڭ چىقىم قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى، ئۆزىنىڭ بانكا كارتا نومۇرى، قىسقا ئۇچۇر نومۇرى، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى باشقىلارغا ئاشكارىلاپ قويغان بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىمۇ يوققا چىقىرالمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بانكىنىڭ مەشغۇلات تەرتىپى، باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە تېخنىكا سىستېمىسىدا يوچۇق بارلىقىنىمۇ ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى. شۇڭا سوت كوللېگىيەسى 2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى››نىڭ 64 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىپ، ليۇ Xنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ