تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

دەۋا ئىشلىرىدا قانۇن بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ، دەۋا ھەققىنىڭ نىسبىتى مەسئۇلىيىتىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ

 دەۋالاشقۇچىلار ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلغاندا بەلگىلىمە بويىچە دەۋا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن – نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دەۋا ھەققىنى تەرەپلەرنىڭ قانچىلىك نىسبەتتە ئۈستىگە ئېلىشى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، يەنى، دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى دەۋادا يېڭىلگۈچى تۆلەيدۇ؛ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ناتوغرا ھەرىكىتى سەۋەبىدىن چىقىم قىلىنغان خىراجەتنى دەۋالاشقۇچىلار ئۆزلىرى تۆلەيدۇ؛ ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقى بولسا، سوت مەھكىمىسى كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن تەرەپلەر تۆلەيدىغان نىسبەتنى بېكىتىدۇ؛ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان دېلودا دەۋا ھەققىنى ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ تۆلەيدۇ، كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتىپ بېرىدۇ.

 زىيادە تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى دەۋا ھەققىنىمۇ كۆپ تۆلىدى

 لى ئەپەندى تاغقا يامىشىش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، سول پۇتىنىڭ پاقالچەك سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن. لى ئەپەندى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىپ، داۋالانغاندىن كېيىن نەپىسى قىسىلىش، ياندۇرۇش، پۈتۈن بەدىنى تارتىشىپ قېلىشتەك بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، ئاخىر ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق لى ئەپەندىنىڭ دورىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەتكەنلىك سەۋەبىدىن ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

 لى ئەپەندى باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ، ساقايغاندىن كېيىن بىرىنچى قېتىم كېسەل كۆرسەتكەن دوختۇرخانا ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ، قارشى تەرەپتىن داۋالىنىش ھەققى، ئىشتىن قېلىش ھەققى قاتارلىق خىراجەتلىرى ئۈچۈن 100 مىڭ يۈەن، روھىي زىيان تۆلىمى ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەن بولۇپ، جەمئىي 300 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

 سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، دوختۇر لى ئەپەندىگە نورمىدىن ئاشۇرۇپ دورا ئىشلەتكەنلىكتىن، لى ئەپەندىدە يامان كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن؛ داۋالاش ھادىسىسىنى باھالاش كومىتېتىمۇ 4 – دەرىجىلىك داۋالاش ھادىسىسگە كىرىدۇ، دەپ بېكىتكەن؛ شۇڭا، دوختۇرخانا تەرەپ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لى ئەپەندىنىڭ دوختۇرخانىدىن داۋالىنىش ھەققى، ئىشتىن قېلىش ھەققى، تاماق ياردىمى ھەققى، كۈتۈش ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى تەلەپ قىلىشى يوللۇق، بۇلارنى قوللاشقا بولىدۇ؛ لېكىن، لى ئەپەندى تەلەپ قىلغان روھىي زىيان تۆلىمىنىڭ قانۇن ئاساسى يوق، سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ، دەپ قارىغان. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، سوت مەھكىمىسى دوختۇرخانىنى لى ئەپەندىنىڭ تۈرلۈك چىقىملىرى ئۈچۈن 6000 يۈەن تۆلەشكە، دەۋا ھەققىگە كەتكەن 9000 يۈەننى نىسبەت بويىچە ئايرىپ، دوختۇرخانىنى 180 يۈەننى ئۈستىگە ئېلىشقا، دەۋاگەرنى 8820 يۈەننى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇغان.

 ‹‹داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ماجىرالىرىنى قاراپ چىقىش نىزامى››دا: ئاغرىقنىڭ مېيىپ بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئەھۋالدىلا، روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن مەزكۇر دېلودا دەۋالاشقۇچى مېيىپ بولۇپ قالمىغان. دېلوغا مەسئۇل سوتچى مۇنداق دېدى: دەۋالاشقۇچىلار كۆپىنچە ھاللاردا دەۋادا يەڭسىلا، دەۋا ھەققىنى جاۋابكار ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. يۇقىرىقى دېلودىكىدەك ئەمەلىي ئەھۋالغا ئېتىبارسىز قاراپ، زىيان تارتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەرەپلەر تۆلەيدىغان دەۋا ھەققىنىڭ نىسبىتى دەۋا تەلىپىنى قوللاش دەرىجىسىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. دەۋا تەلىپى پۈتۈنلەي قوللاشقا ئېرىشسە، دەۋا ھەققىنى جاۋابكار تۆلەيدۇ؛ ئەگەر دەۋا تەلىپى قوللاشقا ئېرىشمىسە، دەۋا ھەققىنى دەۋاگەر تۆلەيدۇ؛ ئەگەر دەۋا تەلىپى %10 قوللاشقا ئېرىشسە، جاۋابكار %10 دەۋا ھەققىنى، دەۋاگەر %90 دەۋا ھەققىنى تۆلەيدۇ.

 مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان شىركەت دەۋا ھەققىنى تۆلەشكە بۇيرۇلدى

 مەلۇم شىركەت كېپىللىك شىركىتى بىلەن 2012 – يىلى 12 – ئايدا كېپىللىك كېلىشىمى ئىمزالىغان، كېپىللىك شىركىتى چاتما جاۋابكارلىققا كېپىل بولۇپ، بۇ شىركەتكە بانكىدىن 3 مىليون يۈەن قەرز ئېلىپ بەرگەن. بۇ شىركەتنىڭ پايچېكى ۋاڭ X بىر قانچە پايچېك بىلەن بىرلىشىپ، كېپىللىك شىركىتى بىلەن قارشى كېپىللىك بېرىش (كاپالەتلىك قىلىش) توختامى تۈزۈشۈپ، شىركىتىنىڭ كېپىللىكىگە چاتما جاۋابكار بولۇشقا قوشۇلغان. توختام جاكارچىلىرى(قارشى كېپىللىك بەرگۈچى) دېگەن گىرافىغا ‹‹ۋاڭ X››نىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ۋە بارماق ئىزى بېسىلغان.

 قەرز پۇل نەقلەشكەندىن كېيىن، بۇ شىركەت قەرز پۇلنى قەرەلىدە قايتۇرمىغاچقا، كېپىللىك شىركىتى 2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى قەرز ئالغان شىركەتكە ۋاكالىتەن بانكا قەرزىنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى تۆلىگەن. كېپىللىك شىركىتى 2014 – يىلى 3 – ئايدا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، بۇ شىركەتتىن قەرزنى تۆلەپ بېرىشنى، قارشى كېپىللىك بەرگۈچىلەرنىڭ قارشى كېپىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. سوت مەھكىمىسى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇ شىركەتنى كېپىللىك شىركىتىگە بانكا قەرزىنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشقا، ۋاڭ X ۋە قارشى كېپىللىك بەرگۈچىلەرنى نىسبەت بويىچە چاتما مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم قىلغان.

 ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ X كېپىللىك كېلىشىمى ۋە قارشى كېپىللىك (كاپالەتلىك قىلىش) توختامىدىكى ئىمزا ۋە بارماق ئىزىنى باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن 26 مىڭ يۈەن تۆلىگەن. باھالاش مەركىزى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار ماتېرىياللاردىكى ئىمزا ۋە بارماق ئىزى ۋاڭ Xنىڭ ئەمەس، دەپ باھالىغان.

 شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ X سوت مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان. سوت مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىققاندىن كېيىن قانۇن بويىچە كېپىللىك شىركىتىنىڭ ۋاڭ X ئۈستىدىن قىلغان ئەرزىنى رەت قىلغان. ۋاڭ X ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹كېپىللىك شىركىتى باھالاش ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك›› دېگەن تەلەپ ئەسلىي سوتتىكى دەۋا دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن دەپ قاراپ، قايتا قاراپ چىقىلمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋاڭ X ئەدلىيەلىك باھالاشقا سەرپ قىلغان 26 مىڭ يۈەن توغرىسىدا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

 سوت مەھكىمىسى 1 – سوتتا قاراپ چىققاندىن كېيىن ساختىلىق ئىشلەتكۈچى ئېنىق ئەمەس، دەپ قاراپ، كېپىللىك شىركىتىنى ۋاڭ X باھالاشقا سەرپ قىلغان خىراجەتنىڭ %20 لىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇغان. ۋاڭ X ھۆكۈمگە قايىل بولماي، يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

 سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، ‹‹ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى››دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، كېپىللىك شىركىتىنىڭ قارشى كېپىللىك توختامى ئىمزالىنىدىغان چاغدا ئىمزا قويغۇچى ۋە بارماق ئىزىنى باسقۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەش مەجبۇرىيىتى بار، بىراق، بۇ شىركەت ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ۋاڭ Xنىڭ ئىمزاسى ۋە بارماق ئىزىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقىرىلىشىغا سەۋەب بولغان، دەپ قاراپ، 1 – سوت ھۆكۈمىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، كېپىللىك شىركىتىنى ۋاڭ X باھالاش ھەققى ئۈچۈن تۆلىگەن 26 مىڭ يۈەننى تۆلەشكە بۇيرۇغان.

‹‹جۇڭگو قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ