تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

«شەھەر باشقۇرۇش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش چارىسى»دىكى يارقىن نۇقتىلار

 تۇرالغۇ ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى شەھەر باشقۇرۇشتىكى قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر باشقۇرۇش تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن يېقىندا ‹‹شەھەر باشقۇرۇش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش چارىسى››(تۆۋەندە ‹‹چارە›› دەپ ئېلىنىدۇ)نى ئېلان قىلدى. بۇ ‹‹چارە›› 2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.

 قانۇن ئىجرا قىلىش دائىرىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش كېرەك

 ‹‹چارە››گە ئاساسلانغاندا، شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى مەمۇرىي چارە كۆرۈش ھوقۇقى دائىرىسى قانۇن – نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. بۇ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى ساھەسىگە دائىر قانۇن – نىزام، بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈش ھوقۇقى، شۇنىڭدەك مۇھىت ئاسراش – باشقۇرۇش، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، قاتناش باشقۇرۇش، سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەھەتلەردىكى شەھەر باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا مەمۇرىي چارە كۆرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ‹‹چارە››دە يەنە، شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى بىر تۇتاش يولغا قويۇشنىڭ شەرتى توغرىسىدا مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: شەھەر باشقۇرۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولۇشى؛ ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولۇشى؛ قانۇن ئىجرا قىلىش رىتىمى يۇقىرى، كەسىپ – تېخنىكا تەلىپىگە مۇۋاپىق كەلگەن بولۇشى؛ قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى ھەقىقەتەن بىر تۇتاش يولغا قويۇشقا ئېھتىياجىلىق بولغان بولۇشى كېرەك.

 قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار خىزمەت كىنىشكىسى بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىشى كېرەك

 ‹‹چارە››دە مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماقلار قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنىنى ھوقۇق – مەسئۇلىيىتى ئېنىق، ئىش بىلەن ھوقۇق بىرلىككە كەلگەن، ئىخچام، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن تەسىس قىلىشى كېرەك. شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار خىزمەت كىنىشكىسى بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىشى كېرەك. شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماقلار ھەمكارلاشقۇچى خادىملارنى سەپلەپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىغا ھەمكارلاشتۇرسا بولىدۇ. ھەمكارلاشقۇچى خادىملار قانۇن ئىجرا قىلىشقا ھەمكارلىشىش جەريانىدا يۈز بەرگەن قانۇنىي ئاقىۋەتنى شۇ دەرىجىلىك شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىشقا ئاساسلىق مەسئۇل تارماق ئۈستىگە ئالىدۇ. شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماقلار ھەمكارلاشقۇچى خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تەرتىپى، سالاھىيەت – شەرتىنى چىڭىتىشى، ھەمكارلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى، چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

 شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش، ساقلاش كېرەك

 ‹‹چارە››دە شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىگە نىسبەتەن تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقىرىلغان، بۇ، مۇشۇ ‹‹چارە››دىكى يارقىن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. ‹‹چارە››دە مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماقلار ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلارنى قانۇن بويىچە، ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ ھالدا توپلىشى، شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىش ئارخىپىنى ئۆلچەملىك تۇرغۇزۇشى ۋە مۇكەممەل ساقلىشى كېرەك.

 ‹‹چارە››دە مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماقلار قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغاندا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ خاراكتېرى ۋە كەلتۈرگەن زىيىنى، ئاقىۋىتىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مۇناسىپ مەمۇرىي چارە كۆرۈشى كېرەك. قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى يېنىك بولغانلارنى تەربىيە بېرىش، نەسىھەت قىلىش، يېتەكلەش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن تۈزىتىشكە بۇيرۇشقا بولىدۇ.

 شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار قانۇن ئىجرا قىلغاندا قانۇن بويىچە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ: تەكشۈرۈش، سۈرەتكە تارتىش، ئۈنئالغۇغا ئېلىش، سىنغا ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن نەق مەيداندا دەلىل – ئىسپاتنى توپلىسا بولىدۇ؛ نەق مەيداندا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى ئورناتسا بولىدۇ؛ دېلوغا ئالاقىدار كىشى، گۇۋاھچى قاتارلىقلاردىن ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ؛ ئالاقىدار ھۆججەت، ماتېرىياللارنى كۆرسە، يۆتكەپ ئالسا، كۆپەيتسە بولىدۇ؛ شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماقلار قانۇن ئىجرا قىلىشنى خاتىرىلەش ئەسۋابى، كۆزىتىش ئەسۋابى قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىگە ئېلىشى كېرەك.

 شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماقلارنىڭ جەرىمانە قويۇش، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىشتا ۋەزىپە ۋە نىشان بەلگىلىسە بولمايدۇ. جەرىمانە قويۇلغان، قانۇنسىز تاپاۋىتى دەپ قاراپ مۇسادىرە قىلىنغان پۇل بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرىغا تولۇق ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 جەرىمانىنى خىراجەت مەنبەسى قىلىشقا بولمايدۇ

 ‹‹چارە››دە مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماقلار جەمئىيەتكە ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونىنى، شۇنىڭدەك باشقا نازارەت قىلىش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلىشى، ئەرز قىلغۇچى، پاش قىلغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى كېرەك.

 شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماقلاردىن مەزكۇر ‹‹چارە››دىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار، يەنى، بىرىنچى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقى يوق تۇرۇقلۇق مەمۇرىي چارە كۆرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەنلەر؛ ئىككىنچى، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ مەمۇرىي چارە كۆرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەنلەر؛ ئۈچىنچى، جەرىمانىنى، مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنسىز تاپاۋەتنى خىراجەت مەنبەسى قىلغانلار؛ تۆتىنچى، پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان بۇيۇملارنى ئىشلەتكەن، تۇتۇپ قالغان، بۇزۇۋەتكەن ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەر باشقۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماقلار ياكى ئالاقىدار تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار خادىملارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

    ‹‹جۇڭگو قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ